ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2023-12-06 10:01

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 12-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ. جۇڭگو تاللىغان كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، جۇڭگو بۇنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئالغا سىلجىتىدۇ. بىرىنچى، ئورتاق خەۋپسىزلىكنى تەشەببۇس قىلىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ تىنچ خەلقئارا مۇھىت يارىتىش. ئىككىنچى، تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ پۇختا ماددىي ئاساسقا ئىگە قىلىش. ئۈچىنچى، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ كۆپ تاللاش يولى بىلەن تەمىنلەش. تۆتىنچى، ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقتا چىڭ تۇرۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىق سۇپىسى بىلەن تەمىنلەش. بۇ قېتىمقى مۇھاكىمە يىغىنىنى جۇڭگو كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇردى. يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى تەرەپلەر ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ھوقۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، كىشىلىك ھوقۇق تەرەققىيات يولى، دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇقنى ئىدارە قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش» خەلقئارا مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىيات تارىخىدا زور ئەھمىيەتكە ئىگە بولۇپ، دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.