ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىز يەتتە چوڭ ساھەدە ئۈسكۈنە يېڭىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-25 10:02

  مۇخبىرنىڭ 24-مارت دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل دۆلەت سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، بىناكارلىق، قاتناش، مائارىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق يەتتە چوڭ ساھەدە ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدىكەن، يىللىق كۆلىمى 5 تىرىليون يۈەندىن ئاشىدىغان غايەت زور بازارنىڭ شەكىللىنىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن؛ ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق چىداملىق ئىستېمال بۇيۇملىرىنى يېڭىلاش ھەرىكىتىنى يولغا قويىدىغان بولۇپ، 1 تىرىليون يۈەن كۆلىمىدىكى بازار يوشۇرۇن كۈچىنىڭ نامايان بولىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن؛ ئېنېرگىيە سەرپىياتىنى «قوش كونترول قىلىش» نى كاربون قويۇپ بېرىشنى «قوش كونترول قىلىش» قا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، بۇنىڭغا 2030-يىلىدىن بۇرۇن ھەر يىلى ئاز دېگەندە 2 تىرىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىشقا توغرا كېلىدىكەن.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ماكرولۇق سىياسەتنىڭ سىجىل ئۈنۈمى كۆرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، كۆپ تۈرلۈك ئالدىن يولغا قويۇلغان كۆرسەتكۈچلەر داۋاملىق ياخشىلاندى. 2-ئايدا ياسىمىچىلىق ۋە ياسىمىچىلىقتىن باشقا كۆزلىمە كۆرسەتكۈچى داۋاملىق كېڭەيدى، 22-مارتقىچە، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش تەڭشەلگەن توك تارقىتىش مىقدارى %10.5، سانائەتتە ئىشلىتىلىدىغان توك مىقدارى %9.4 ئاشتى. بۇ يىل دۆلەت ياسىمىچىلىقنىڭ يادرولۇق رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ھەرىكىتى، تېخنىكا ئۆزگەرتىش ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، زور تېخنىكىلىق جابدۇقلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىشىش، ئەقلىيلىشىش، يېشىللىشىش تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىز يەتتە چوڭ ساھەدە ئۈسكۈنە يېڭىلاشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

مۇخبىرنىڭ 24-مارت دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل دۆلەت سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، بىناكارلىق، قاتناش، مائارىپ، مەدەنىيەت-ساياھەت، داۋالاش قاتارلىق يەتتە چوڭ ساھەدە