ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-26 11:03

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى ئاجاي بانگا بىلەن كۆرۈشتى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت بولغان جۇڭگو ئۆتكەن 40 نەچچە يىلدا دۇنيا بانكىسى بىلەن مول ئۈنۈملۈك ھەمكارلاشتى. جۇڭگو دۇنيا بانكىسى بىلەن تېخىمۇ قويۇق ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو دۇنيا بانكىسىنىڭ ئىسلاھات قارالمىسىنى قوللايدۇ، دۇنيا بانكىسىنىڭ نامراتلارنى ئازايتىش ۋە ئەنئەنىۋى ساھەلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتىكى سېلىنمىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتا رولىنى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى داۋاملىق بەرپا قىلىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.

ئاجاي بانگا جۇڭگونىڭ ئۇزاقتىن بۇيان دۇنيا بانكىسىنىڭ خىزمىتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: جۇڭگو دۇنيا بانكىسىنىڭ دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى، دۇنيا بانكىسى جۇڭگو بىلەن ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ. 

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى بىلەن كۆرۈشتى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا دۇنيا بانكىسىنىڭ باشلىقى ئاجاي بانگا بىلەن كۆرۈشتى.