ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

خەن جېڭ چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-26 16:31

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئامېرىكا ئېكسون موبىل شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋۇدلۈن ۋە ئەنگلىيە ئاسترازېنېكا شىركىتىنىڭ يەر شارى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سۇبوكو بىلەن كۆرۈشتى.

خەن جېڭ ۋۇدلۈن بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو-ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقى، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى سان فىرانسىسكو ئۇچرىشىشىدا ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، ساغلام، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. جۇڭگو ھازىر يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ، بىزنىڭ بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىقتىدارىمىز ۋە ئىشەنچىمىز بار. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، ئېكسون موبىل شىركىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگودا تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللايدۇ.

خەن جېڭ سۇبوكو بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىق ئاساسى ياخشى، يوشۇرۇن كۈچى زور، تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق. جۇڭگو يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي كېڭەيتىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى تىجارەت-سودا مۇھىتىنى سىجىل بەرپا قىلىدۇ، ئەنگلىيە كارخانىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپنى گۈللەندۈرۈشىنى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ. جۇڭگو ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويماقتا، ئاسترازېنېكا شىركىتىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگودا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋۇدلۈن بىلەن سۇبوكو جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ، جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار پۇرسىتىنى ياخشى كۆرۈپ، جۇڭگونىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا تولۇق ئىشەنچ باغلىدى. ئىككى كارخانا جۇڭگودىكى تەرەققىيات ئۇزاق مۇددەتلىك ئىستراتېگىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، جۇڭگو بىلەن يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق، تېببىي دورا، ساغلاملىق قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئامېرىكا-جۇڭگو، ئەنگلىيە-جۇڭگو ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

خەن جېڭ چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئامېرىكا ئېكسون موبىل شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋۇدلۈن ۋە ئەنگلىيە ئاسترازېنېكا شىركىتىنىڭ