ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەي چى ئامېرىكا لاكستون گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-26 16:30

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئامېرىكا بلاكستون گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى شۋارزمان بىلەن كۆرۈشتى.

سەي چى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، «سان فىرانسىسكو ئارزۇسى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش-ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىسى، بۇ ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر ساھە زاتلىرىنىڭ پائال قاتنىشىشى ۋە قوللىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو دۆلەتنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇش قۇرۇلۇشى، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. سۇ شىمىن ئەپەندىنىڭ جۇڭگودا داۋاملىق چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ ھەمكارلىقى ۋە ئادىمىيەت ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقى، بولۇپمۇ ياشلار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ ۋە دوستلۇقنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دوستلۇق، ھەمكارلىق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئەل رايى ئاساسىنى پۇختىلاپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شۋارزمان مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدا، 11 يىل بۇرۇن يولغا قويۇلغان شۋارزمان تۈرىدە پائال ئىلگىرىلەش بولدى. جۇڭگو بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىنى چۈشەندۈرۈپ، ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشى، تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا بەرپا قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل











中央广播电视总台 央广网 版权所有

سەي چى ئامېرىكا لاكستون گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى قوشۇمچە باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزى كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا ئامېرىكا بلاكستون گۇرۇھىنىڭ