ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ۋاڭ خۇنىڭ نېپالنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-26 16:30

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا نېپالنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى شىرېستا بىلەن كۆرۈشتى.

ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇلتۇر، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى پراچاندا بىلەن كۆرۈشۈپ، جۇڭگو-نېپال مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە تەڭ قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئەل قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو نېپال بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن نېپالنىڭ تەرەققىيات ۋە گۈللىنىشكە يۈزلەنگەن ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوستانە ئۆتىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ زىچ جۇڭگو-نېپال تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

شىرېستا جۇڭگونىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بېرىپ: نېپال بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو بىلەن ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، دېدى.

خۇ چۈنخۇا، باتېر، ۋاڭ دۇڭفېڭ كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل







中央广播电视总台 央广网 版权所有

ۋاڭ خۇنىڭ نېپالنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى بىلەن كۆرۈشتى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا