ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جاۋ لېجى دومىنىكا زۇڭلىسى ۋە رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-26 16:30

 مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا دومىنىكا زۇڭلىسى سىكېرېت ۋە رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باباكوۋ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.

جاۋ لېجى سىكېرېت بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن دومىنىكا بىر نىيەت، بىر مەقسەتتىكى ياخشى دوستلار، ياخشى ھەمراھلار. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 20 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي بەخت ئېلىپ كەلدى. جۇڭگو دومىنىكا بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە ئۆزئارا قوللاپ، دۇنيا تەرەققىيات تەشەببۇسىنى تەڭ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو بىلەن دومىنىكانىڭ دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دومىنىكا پارلامېنتى بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىنى كۈچەيتىپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى خالايدۇ.

سىكېرېت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دومىنىكا بىلەن جۇڭگو ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا قوللاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى. جۇڭگونىڭ ئۇزۇندىن بۇيان دومىنىكانى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە رەھمەت. دومىنىكا بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول» ۋە ئۈچ چوڭ دۇنيا تەشەببۇسنى قوللايدۇ، دومىنىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى خالايمەن.

دومىنىكا زۇڭلىسى سىكېرېت 3-ئاينىڭ 25-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭ تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈلچەمبىرەك قويدى.

جاۋ لېجى باباكوۋ بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى داۋاملىق يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشتى. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى رۇسىيە فېدېراتسىيە كېڭىشى بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مېخانىزملاشقان ئالماشتۇرۇش مەزمۇنىنى بېيىتىپ ۋە كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد دوستانە ئۆتۈشى ئۈچۈن ئىجتىمائىي ۋە ئەلرايى ئاساسىنى پۇختىلاشنى خالايدۇ. جۇڭگو رۇسىيەنىڭ 10-نۆۋەتلىك كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى پارلامېنت مۇنبىرىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى پائال قوللايدۇ، كۆپ تەرەپلىك ساھەلەردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى خالايدۇ.

باباكوۋ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ يېتەكلىشى ۋە تۈرتكىسىدە، رۇسىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى ۋە راۋاجلاندى. رۇسىيە دۆلەت دۇماسى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بولغان دوستلۇق ئالاقىسىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: ئامانگۈل، سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل





中央广播电视总台 央广网 版权所有

جاۋ لېجى دومىنىكا زۇڭلىسى ۋە رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 3-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدا دومىنىكا زۇڭلىسى سىكېرېت ۋە رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باباكوۋ بىلەن ئايرىم-ئايرىم كۆرۈشتى.