ئېلىمىز ئاھالىلەر ئېغىر ئاپەت سۇغۇرتىسى كاپالەت ئىقتىدارىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى
دۆلەتلىك پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى بىلەن مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى تۇرالغۇ ئۆي ئېغىر ئاپەت سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئېغىر ئاپەت سۇغۇرتىسىنىڭ كاپالەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى.
يېڭى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئېغىر ئاپەت سۇغۇرتىسىنىڭ ئەڭ تۆۋەن كاپالەت سوممىسى شەھەر-بازارلاردىكى ھەر بىر تۇرالغۇغا 50 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگە، يېزىلاردىكى ھەر بىر تۇرالغۇغا 20 مىڭ يۈەندىن 40 مىڭ يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت