ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئېلىمىزنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى سىجىل ياخشىلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-27 14:52

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 26-مارت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى-تاشقى سودىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، سانائەت ئىقتىسادى قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلاندى، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىدا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى دەپ تونۇشتۇردى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، ئېلىمىزدە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 8 تىرىليون 100 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشتى. مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى گو تىڭتىڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئاپتوموبىل، ئۆي جاھازلىرى قاتارلىق كۆپ مىقدارلىق ئىستېمال مۇقىم ياخشىلاندى، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم %16.2 ۋە %8.7 ئاشتى؛ ئارام ئىقتىسادى مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشىگە تۈرتكە بولدى، يېمەك-ئىچمەك كەسپىنىڭ كىرىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.5 ئېشىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ سىجىل ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم ئامىلغا ئايلاندى.

  ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە، ياسىمىچىلىق سېلىنمىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇر پۈتۈن يىلدىكىدىن 2.9 پوئېنت تېز بولدى. كۆلەملەشكەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، ئۇدا ئۈچ ئاي تېز كۆپەيدى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، باش ئىنژېنېرى جاۋ جىگو مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: بۇ يىل «سۈنئىي ئەقىل+» ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، سۈنئىي ئەقىل ئارقىلىق يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈشكە قۇۋۋەت قوشۇش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، زامانىۋى ئارىلىق سىناق ئىقتىدارى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىدۇ، يەنە بىر تۈركۈم دۆلەت ياسىمىچىلىقتا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، سىناق قىلىش، دەلىللەش سۇپىسى يېڭىدىن قۇرۇلىدۇ.

  تاشقى سودا جەھەتتە، بۇ يىل 1-ئايدىن 2-ئايغىچە ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 6 تىرىليون 610 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ لىڭجۈن يېڭى كەسىپ، يېڭى ماركا، يېڭى ئەندىزە، يېڭى سۇپا تاشقى سودىنىڭ ياخشى باشلىنىشىغا تىرەك بولدى دېدى.

  مۇئاۋىن سودا مىنىستىرى گو تىڭتىڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەت-تەدبىرى بالدۇرراق چىقىرىلىدۇ، كارخانىلارنىڭ كۆپ مەنبەلىك بازار ئېچىشىغا مەدەت بېرىلىپ، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ شۇنداقلا ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلارنى ئىمپورت قىلىش پائال كېڭەيتىلىدۇ.

  تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئالدىنقى ئىككى ئايدا، ئېلىمىزنىڭ كۆپ تۈرلۈك ئىقتىساد كۆرسەتكۈچى سىجىل ياخشىلاندى

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 26-مارت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، ئېلىمىزنىڭ ئىچكى-تاشقى سودىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، سانائەت ئىقتىسادى قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلاندى، ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىدا تارىختىكى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى دەپ تونۇشتۇردى.