ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق تارماقلار 2024-يىللىق مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-27 14:58

  مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى قاتارلىق 13 تارماق يېقىندا بىرلىشىپ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2024-يىللىق مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا، سەھىيەدىن ئىبارەت «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى ۋە پارتىيە 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، «مىڭ كەنتتە ئۈلگە كۆرسىتىش، ئون مىڭ كەنتنى تۈزەش» قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە قوللىنىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتەكچى قىلىپ، يېزا-كەنتلەرنىڭ ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشىنى كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىدە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇشنى تېزلىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار، تارماقلار ئەمەلىي ئۈنۈم ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» پائالىيىتىنىڭ يېزا كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، «ئۈچنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش» خىزمىتىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈشكە داۋاملىق تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有