ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنىدا: جۇڭگو داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسلىق تۆھپە قوشقۇچى بولىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-27 14:58

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنى 26-مارت ئېچىلدى، تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىككى پارچە بايراقدار دوكلات ئېلان قىلىندى. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: 2024-يىلى ئاسىيا ئىقتىساد گەۋدىسىنىڭ ئىقتىساد كۆلىمىنىڭ يەر شارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %49 بولۇشى مۇمكىن، جۇڭگو داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسلىق تۆھپە قوشقۇچى بولىدۇ.

نۆۋەتتە دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلىلەر چىگىش مۇرەككەپ، 2024-يىلى يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىدا داۋالغۇش ۋە بۆلۈنۈش بولىدىغان بىر يىل. بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ باش كاتىپى لى باۋدۇڭ: مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، يىللىق يىغىن قارالمىسى ئاسىيا ۋە دۇنيا تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مەسىلىلىرىگە داۋاملىق مەركەزلەشتى، دېدى.

«ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئىستىقبالى ۋە بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مۇساپىسىنىڭ 2024-يىللىق دوكلاتى»دا مۆلچەرلىنىشىچە، نىسبەتەن كۈچلۈك ئىستېمال ۋە ئاكتىپ مالىيە سىياسىتىنىڭ قوللىشىدا، ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ 2023-يىلىدىن يۇقىرى بولۇشى ھەمدە %4.5 ئەتراپىغا يېتىشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. 2024-يىلى ئاسىيانىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى كۆلىمىنىڭ دۇنيادا ئىگىلىگەن نىسبىتىنىڭ %49 بولۇشى مۆلچەرلەندى.

لى باۋدۇڭ مۇنداق دېدى: ئاسىيا داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئەڭ چوڭ تۆھپە قوشىدىغان رايونغا ئايلىنىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادى كۈچلۈك ئەۋرىشىملىككە ۋە كۈچلۈك يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە بولۇپ، كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدىكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك بولىدۇ.

ئاسىيانىڭ كاربونسىز ئېلېكتىر سىستېمىسى بەرپا قىلىش تەرەققىيات ۋەزىپىسى مۈشكۈل، يوشۇرۇن كۈچى زور. تېخنىكا ئىقتىدارىدىن باشقا، ئاسىيا دۆلەتلىرى ھەر قايسى قاتلاملاردا يېشىل ئېلېكتىر جەھەتتە ئەمەلىي ھەمكارلىقنى قانات يايدۇردى. يېڭى تەرەققىيات بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ چياڭۋۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر نۇرغۇن كۆپ تەرەپلىك، ئىككى تەرەپلىك يېشىل ئېنېرگىيەگە مەبلەغ سېلىش فوندىنى تەسىس قىلدى. يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى كەسىپ زەنجىرى ھەمكارلىقى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى، ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى، بايلىق، تېخنىكا ۋە بازار جەھەتتىكى ئىقتىدارى ھەر خىل، دۆلەت ھالقىغان ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى ئىنتايىن زور.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنىدا: جۇڭگو داۋاملىق دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا ئاساسلىق تۆھپە قوشقۇچى بولىدۇ

بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2024-يىللىق يىغىنى 26-مارت ئېچىلدى، تۇنجى مەيدان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئىككى پارچە بايراقدار دوكلات ئېلان قىلىندى