ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

لى چياڭ گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 10:04

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 27-مارت بېيجىڭدا خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇنىڭدىن 74 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، گوللاندىيە يېڭى جۇڭگونى ئېتىراپ قىلىپ، جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتە ياۋروپا ئەللىرى ئارىسىدا ئالدىنقى قاتاردا ماڭغان ئىدى. 2014-يىلى ئىككى دۆلەت ئوچۇق، ئەمەلىي ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، جۇڭگو-گوللاندىيە مۇناسىۋىتى تېز تەرەققىي قىلىپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول ئۈنۈملۈك بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ھەقىقىي نەپ يەتكۈزدى. بۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن باش ۋەزىر ئەپەندى ئىككىڭلار كۆرۈشۈپ، مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن ئېنىق يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردىڭلار. جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن بىرلىكتە، ئوچۇق، ئەمەلىي ھەمكارلىشىش روھىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋىتىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ تەڭ پايدا ئېلىش نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشنى خالايدۇ.

لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ، قورۇقچىلىق، سوغۇق ئۇرۇش تەپەككۇرى باش كۆتۈرمەكتە. جۇڭگو بىلەن گوللاندىيە ئەركىن سودىدا چىڭ تۇرىدۇ، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقى كۆلىمىنى داۋاملىق كېڭەيتىپ، سۈنئىي ئەقىل، يېشىل تىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، دېڭىز شامال ئېلېكتىرى، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك تارقىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىجادىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلىشى، شۇنداقلا دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق، ئېنىقلىق ئاتا قىلىشى كېرەك. گوللاندىيەنىڭ جۇڭگو خادىملىرىنىڭ گوللاندىيەگە بېرىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو باشتىن-ئاخىر ھەمكارلىق جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ ئاساسىي ئېقىمى، ھەمراھلىق ئىككى تەرەپنىڭ ئەڭ توغرا تاللىشى دەپ قاراپ كەلدى. جۇڭگو ياۋروپانىڭ جۇڭگونىڭ دەرىجىدىن تاشقىرى كۆلەمدىكى بازار پۇرسىتىدىن بەھىرلىنىشىنى قارشى ئالىدۇ، ياۋروپانىڭ چەكلىمىلىك ئىقتىساد-سودا سىياسىتى چىقىرىش ۋە سودىدا قۇتقۇزۇش تەدبىرىنى قوللىنىشتا ئېھتىياتچان بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. جۇڭگو گوللاندىيە بىلەن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا مۇناسىۋىتىنىڭ داۋاملىق ساغلام، مۇقىم راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

رۇتتې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇزاقتىن بۇيان گوللاندىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ئوچۇق، ئەمەلىي ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مول نەتىجىلىك بولدى. گوللاندىيە گوللاندىيە-جۇڭگو دوستلۇقىنى قەدىرلەيدۇ، بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىپ، ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق دۇنياۋى خىرىسلارغا بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇپ، گوللاندىيە-جۇڭگو، ياۋروپا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

تەرجىمان: قۇرباننىسا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

لى چياڭ گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا خىزمەت زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن جۇڭگوغا كەلگەن گوللاندىيەنىڭ باش ۋەزىرى رۇتتې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى.