ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

20-نۆۋەتلىك پايتەخت پىلان قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-03-28 11:05

20-نۆۋەتلىك پايتەخت پىلان قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، پايتەخت پىلان قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ يىل يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ ئون يىللىقى. بۇنىڭدىن ئون يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا خىزمەت تەكشۈرۈپ ھەمدە مۇھىم سۆز قىلىپ، پايتەختنىڭ تەرەققىياتىغا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەرگەنىدى. ئون يىلدىن بۇيان، پايتەختتە يېڭى تارىخىي ئۆزگىرىش بولدى، بۇ ئاساسلىقى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رولنى مەھكەم تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. بۇنىڭدىن كېيىنكى ئون يىل پايتەختنى پىلانلاش قۇرۇلۇشىنىڭ ھالقىلىق مەزگىلى، «ئىككىنى تىكلەش» نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش» سىياسىي ئاڭلىقلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پايتەختنىڭ پىلان قۇرۇلۇشىنى يېڭى پەللىگە يەتكۈزۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى ۋە تەلىپى بويىچە پايتەختنىڭ پىلانىنى يولغا قويۇشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەركەز ھۆكۈمەت ئىشلىرى فۇنكسىيەسىنى داۋاملىق ئۆستۈرۈپ، بوشلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۈرۈشلۈك مۇلازىمەتنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇھىتىنى ياخشىلاش كېرەك. «تۆت مەركەز» ئىقتىدارىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «تۆت مەركەز» ئېنېرگىيەسىنى تولۇق قوزغىتىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا ئوق لىنىيەسىنى دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈشنى ئىلتىماس قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشى ۋە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىيات بوشلۇقى ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ شەھەر ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەلەرنى تارقاقلاشتۇرۇپ، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزى ۋە خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنىڭ «تەڭ تەرەققىي قىلىشى»غا تۈرتكە بولۇپ، زامانىۋى پايتەخت شەھەر چەمبىرىكى بەرپا قىلىش كېرەك. شەھەر يۈرۈشىشىنىڭ بىخەتەرلىك كاپالىتىنى كۈچەيتىپ، پايتەختنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: مەركەز، ئارمىيە، يەرلىك پايتەخت پىلانىنى بىرلىكتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك. پايتەخت پىلان قۇرۇلۇش كومىتېتى ئۆتكەلنى ياخشى ئىگىلەش، مۇھىم نۇقتىنى باشقۇرۇش، كۈچلۈك نازارەت قىلىش فۇنكسىيەلىك رولىنى كۈچەيتىشى، بېيجىڭ شەھىرى پىلان دائىرىسىدە مۇلازىمەت كاپالىتىنى كۈچەيتىشى، ھەر قايسى ئەزا ئورۇنلار پايتەختنىڭ پىلانىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىپ، پائال قوللىشى ۋە ياردەم بېرىشى كېرەك.

يىغىندا «پايتەخت پىلان قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ 2023-يىللىق خىزمەت خۇلاسىسى ۋە 2024-يىللىق خىزمەت مۇھىم نۇقتىسى» قاتارلىق ھۆججەتلەر قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، پايتەخت پىلان قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى يىن لى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. پايتەخت پىلان قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

20-نۆۋەتلىك پايتەخت پىلان قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

20-نۆۋەتلىك پايتەخت پىلان قۇرۇلۇش كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنى 3-ئاينىڭ 27-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى،