1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشتى
دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 11-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 3-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 ئاشقان، ئالدىنقى ئايدىكىدىن %1.0 تۆۋەنلىگەن. 1-پەسىلدىكى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھاسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى بىلەن تەڭلەشكەن.
ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىق ئېشىش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاساسلىقى يېمەكلىك باھاسى ۋە مۇلازىمەت باھاسىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك تۆۋەنلىشىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان. يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنى چىقىرىۋەتكەن يادرولۇق ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى ئەھۋالىدىن قارىغاندا ئالدىنقى يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %0.6 ئېشىپ، مۆتىدىل ئۆرلەش ھالىتىنى ساقلىغان، بۇ ئېلىمىز ئاھالىلىرىنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگەرمىگەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
3-ئايدا، مەملىكەت بويىچە سانائەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.1 تۆۋەنلىگەن، تۆۋەنلەش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكىدىن كىچىكلىگەن.
تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل
سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت