مائارىپ مىنىستىرلىقى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئاشكارا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، «يەڭ ئىچىدە مەشغۇلات قىلىش»، «ئەلاچىلارنىلا قوبۇل قىلىش»نى قەتئىي تۈزەيدۇ
مائارىپ مىنىستىرلىقى 11-ئاپرېل ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2024-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئاشكارا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «يەڭ ئىچىدە مەشغۇلات قىلىش»، «ئەلاچىلارنىلا قوبۇل قىلىش» قاتارلىق ئەھۋاللارنى قەتئىي تۈزەپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك ھەق ئېلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەرىكىتىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇردىغالىقىنى بىلدۈردى.
بۇ قېتىم مائارىپ مىنىستىرلىقى مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ تەكشۈرۈپ نازارەت قىلىدۇ. ھەرىكەتتە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرى ئۆز رايونىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ مەزمۇنىنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈشى كېرەك، جۇڭگو مائارىپ ئىلمىي تەتقىقات يۇرتى ئاساسىي مائارىپ تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى نيۇ نەنسېن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم مەخسۇس ھەرىكەت شەكلىدە، مەملىكەت بويىچە مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشقا قارىتا ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇمىسى قىلىشى ھېسابلىنىدۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسى مىنىستىرلىقتىكى ئالاقىدار مەھكىمە، ئىدارىلەر، يەرلىكتىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ خىزمەتچىلىرى، دۆلەت مائارىپ نازارەتچىسى ھەمدە ئاساسىي مائارىپ ئوقۇتۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ مۇتەخەسىسلىرىدىن تەشكىللەنگەن قوشۇن بولۇپ، بىر قىسىم ئاتا-ئانىلار بىلەن سۆھبەتلىشىدۇ ھەمدە پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا گىرەلەشمە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرىدۇ.
ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش، ئوقۇشقا كىرىشتىكى نۇقتىلىق ھالقىلارغا قارىتا، ھەرىكەت جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىدىن رايون ئىچىدىكى مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش تەلەپ قىلىندى. مۇھىم نۇقتا مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئىجتىمائىي تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ئۆز ئالدىغا تەشكىللىگەن تۈرلۈك مەدەنىيەت دەرسلىرىنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى، تەربىيەلەش گۇۋاھنامىسى ۋە پەنلەر بويىچە مۇسابىقە نەتىجىسى، دەرىجە ئىمتىھانى ئىسپاتى قاتارلىقلارنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتا ئاساس قىلدىمۇ-يوق؛ نۇقتىلىق سىنىپ، تېز-ئاستا سىنىپ تەسىس قىلدىمۇ-يوق، يۇقىرىقىلارنى ئاساس قىلىپ شەكلى ئۆزگەرگەن ھالدا ئەلاچىلارنىلا قوبۇل قىلدىمۇ يوق قاتارلىقلار. شاڭخەي شەھەرلىك مائارىپ پەن تەتقىقات يۇرتى ئادەتتىكى مائارىپ ئوقۇغۇچىلار تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ فېڭ مۇنداق دېدى: جايلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 10تۈرلۈك چەكلەش بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، بىر تەرەپتىن ئۆز-ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۈزىتىدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن يۈرۈشلەشكەن ئارىلاپ تەكشۈرۈش، ئۆز-ئارا تەكشۈرۈش، نازارەت قىلىش، مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش جەريانىدا قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ قاتتىق ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلماقتا.
تەرجىمان: ئىلدوس ياسىن
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى