ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

سەي چى ئامېرىكا ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت بىرلەشمە رەئىسى سانتون بىلەن كۆرۈشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-13 09:18

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇرۇسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى 12-ئاپرېل بېيجىڭدا ئامېرىكا ئاسىيا جەمئىيىتىنىڭ مۇدىرىيەت بىرلەشمە رەئىسى سانتون بىلەن كۆرۈشتى.

  سەي چى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى ئاچقۇچلۇق پەيتتە تۇرماقتا، داۋاملىق مۇقىم، ياخشى بولۇش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئىككى دۆلەتنىڭ توغرا بىللە تۇرۇش يولىنى تېپىشىغا توغرا كېلىدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى دۇنياغا غايەت زور پۇرسەت ئېلىپ كېلىدۇ. جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسىنى خەلق يارىتىدۇ، سانتون ئەپەندىنىڭ ئۆز تەسىرىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىنىڭ ئالاقىسى ۋە دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  سانتون مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بېيجىڭدا ئامېرىكىنىڭ سودا سانائەت ساھەسى ۋە ئىستراتېگىيە ئىلمىي ساھەسىدىكى ۋەكىللەر بىلەن كوللېكتىپ كۆرۈشكەندە قىلغان سۆزى كىشىنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇرىدۇ. ئامېرىكا-جۇڭگو دوستلۇق ئىشلىرىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈش، ئامېرىكا خەلقىنىڭ جۇڭگونى ئومۇميۈزلۈك چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە رولۇمنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشنى خالايمەن.

  تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

  سېلىشتۇرغۇچى: ئەنۋەر ئەركىن

中央广播电视总台 央广网 版权所有