ۋاڭ خۇنىڭ سۇرىنام زۇڭتۇڭى سانتوكى بىلەن كۆرۈشتى
مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدا سۇرىنام زۇڭتۇڭى سانتوكى بىلەن كۆرۈشتى.
ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن سۇرىنام باشتىن-ئاخىر ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ھەمكارلىشىپ، بىر-بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلىرىنى باشتىن-ئاخىر چۈشىنىپ ۋە قوللاپ كەلدى. جۇڭگو سۇرىنام بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق-ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بۇنىڭ ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.
سانتوكى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: سۇرىنام-جۇڭگو دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. جۇڭگولۇقلار سۇرىنامنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. سۇرىنام بىر جۇڭگو پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرىدۇ، جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭىشى بىلەن ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سۇرىنام-جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
شى تەيفېڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى.
12-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، سۇرىنام زۇڭتۇڭى سانتوكى تيەنئەنمېن مەيدانىغا بېرىپ، خەلق قەھرىمانلىرى خاتىرە مۇنارىغا گۈل چەمبىرەك قويدى.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار
سېلىشتۇرغۇچى: ئەنۋەر ئەركىن