ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-13 09:21

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، «ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار ۋە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاش» نى چۆرىدەپ كېڭىشىپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى، ۋاڭ خۇنىڭ رىياسەتچىلىك قىلدى

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 17-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى 12-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو كومپارتىيەسى 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى 1 مىليارد نەچچە يۈز مىليون ئاھالىنىڭ قورساق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا، تېرىلغۇ يەر ۋە تېخنىكىغا تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاشلىق ئۇنىۋېرسال ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى. خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پائال چارە-تەدبىر كۆرسىتىشى ۋە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، دىققەتنى ئاشلىق بىخەتەرلىكىدىكى ئۇزاق مۇددەتلىك، يۈزلىنىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە، ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار ۋە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەتقىق قىلىش، دەلىللەش، ئەقىل كۆرسىتىشنىڭ قاراتمىلىقى ۋە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشى كېرەك. ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى پۇختىلاپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىنىڭ تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مۇستەھكەملەشكە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش كېرەك. سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدىكى ئەھۋال ۋە مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلىپ، خىزمەتنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر ۋە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش، دېھقانلارنى بېيىتىشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەتلىرى ۋە «ئون مىليون قۇرۇلۇش» تەجرىبە ئىلھامىنى تەشۋىق قىلىپ ۋە چۈشەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان، يېزىلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغان، دېھقانلارغا غەمخورلۇق قىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ قىسمەن ئەزالىرى، ئاشلىقنى كۆپ تېرىيدىغان ئائىلىلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. كۆپچىلىك مۇنداق دەپ قارىدى: ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلار ۋە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىدىغان رايونلارنىڭ ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئىگىلىك سۇغۇرتىسى كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، زامانىۋىلاشقان ئاشلىق كەسپى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇۋاپىق كۆلەملىك ئاشلىق تىجارىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۇنىۋېرسال تېرىقچىلىق، باقمىچىلىقنى كېڭەيتىپ، ئاشلىق تېرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش»قا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، مالىيە مىنىستىرلىقى، يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ مەسئۇللىرى ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى ھەم سىياسىي كېڭەش ئەزالىرى بىلەن كېڭىشىپ پىكىر ئالماشتۇردى.

  تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى

14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ 17-قېتىملىق قوش ھەپتىلىك كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى 12-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى،