ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق بولماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-14 09:42

135-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى، يەنى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى  15-ئاپرېلدىن 5-ئاپرېلغىچە گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە، تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق ئىشلەنمەكتە.

بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 1-قارارلىق تور سىرتى كۆرگەزمە ئومۇمىي كۆلىمى 520 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 24 مىڭ 887 كۆرگەزمە ئورنى بار، 10 مىڭ 898 كارخانا يەرمەنكىگە قاتنىشىدۇ، گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى داڭلىق ماركا كارخانىسىدىن 966 سى بار. كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان كارخانىلار ئىچىدە، دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى، يېڭى تېخنىكا كارخانىلىرى، ياسىمىچىلىق يەككە تۈرىدە چېمپىيون بولغان، كەسىپلەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئۆزگىچە، يېڭىچە «كىچىك گىگانت» كارخانىلارنىڭ سانى ئالدىنقى نۆۋەتتىكىدىن %20 ئاشتى.

گۇاڭجۇ سودا يەرمەنكىسى نۆۋەتتە ئېلىمىزدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن، كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال خەلقئارا سودا يەرمەنكىسى بولۇش سۈپىتىدە، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا ياردەم بېرىش، ئالاقىنى كېڭەيتىشكە مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 1-قارارلىق ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە 30 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 197 كارخانا قاتنىشىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ بىر يول»نى تەڭ قۇرغۇچى دۆلەتلەردىن كەلگەن كارخانا %70 تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ.

بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە 315 مەيدان يېڭى مەھسۇلاتنى تۇنجى تارقىتىش، تۇنجى كۆرگەزمە قىلىش، تۇنجى كۆرسىتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدۇ، بۇ، سانائەت ياسىمىچىلىقى، ئېلېكتىرونلۇق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئاپتوموبىل، مودا بۇيۇم قاتارلىق 13 ساھەنىڭ يېڭى مەھسۇلاتى، يېڭى تېخنىكىسى، يېڭى ھۈنەر-سەنئىتى، يېڭى ماتېرىياللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ تۇنجى قېتىم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە چەتئەل ئامبىرى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى. چېگرا سىرتىدىكى سېتىۋالغۇچىلارنىڭ  ئالدىن رويخەتكە ئالدۇرۇش مىقدارى، گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى تەكلىپنامىسىنى ئىلتىماس قىلىش مىقدارى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە قاتنىشىدىغان چېگرا سىرتىدىكى سېتىۋالغۇچىلار سانىنىڭ يېڭىدىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق بولماقتا

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى ئوڭۇشلۇق بولماقتا