ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

2024-يىللىق باھار شامىلى ھەرىكىتى ئاخىرلاشتى، ئېلان قىلىنغان ئىش ئورنى 43 مىليوندىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-14 10:00

ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقىنىڭ 13-ئاپرېل تونۇشتۇرۇشىچە، ئەمگەكچىلەر ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان 2024-يىللىق باھار شامىلى ھەرىكىتى ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشقان. بۇ مەزگىلدە، 64 مىڭ مەيدان تۈرلۈك تەكلىپ قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلۈپ، 43 مىليوندىن ئارتۇق ئىش ئورنى ئېلان قىلىنغان، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بۈيۈك مەلۇمات قاتارلىق كەسپىي ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج ئاشقان.

بۇ يىللىق باھار شامىلى ھەرىكىتى مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پائالىيەت مەيدان قېتىم سانى ۋە ئېلان قىلىنغان ئىش ئورنى سانى بۇلتۇرقىدىن %10 ئاشقان. نۇرغۇن جايلار يەنە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىش ئورنىنى ساقلاپ قېلىش، تېزدىن ئىش ئورنىغا قايتىپ كېلىش مۇكاپاتى تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، 6 مىليارد 600 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ياردەم تولۇقلىمىسى تارقىتىپ، 60 مىڭدىن ئارتۇق نۇقتىلىق كارخانىنىڭ 400 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئىشچى ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بەرگەن.

باھار شامىلى ھەرىكىتى مەزگىلىدە، ياسىمىچىلىق يەنىلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى قىزىق نۇقتىلىق كەسىپ بولۇپ، تەكلىپ قىلىش ئېھتىياجى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %30 نى ئىگىلىدى، تېخنىكا ماھارىتى ئىش ئورنى ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك ئاشتى.

بۇنىڭدىن باشقا، مەملىكەت بويىچە كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئېھتىياجى كۆرۈنەرلىك ئېشىپ، ساغلاملىق جەھەتتە پەرۋىش قىلىش، پارچە سېتىش، ياتاق، يېمەك-ئىچمەك، مەدەنىيەت ساياھىتى، قاتناش قاتارلىق مۇلازىمەت كەسىپلىرىنىڭ ئىش ئورنىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشتى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى يۈن دۇڭلەي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ ئالاھىدىلىك ۋە ئۆزگىرىشلەر نۆۋەتتە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ قايتا يۈكسىلىش، ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنىڭ مۇستەھكەملەنگەنلىكى ۋە كۈچەيگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىدەك يېڭى يۈزلىنىش، يېڭى پۇرسەتنى ئەكس ئەتتۈردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

2024-يىللىق باھار شامىلى ھەرىكىتى ئاخىرلاشتى، ئېلان قىلىنغان ئىش ئورنى 43 مىليوندىن ئاشتى

2024-يىللىق باھار شامىلى ھەرىكىتى ئاخىرلاشتى، ئېلان قىلىنغان ئىش ئورنى 43 مىليوندىن ئاشتى