4-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى ۋە دۇنيا ئىستېمالىدا يېڭىلىق يارىتىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتى خەينەننىڭ خەيكۇ شەھىرىدە باشلاندى
4-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى 13-ئاپرېل خەينەن ئۆلكىسىنىڭ خەيكۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، دۇنيادىكى «يېڭى، كۆركەم، ئالاھىدە» ئىستېمال مەھسۇلاتلىرى بۇ يەرگە توپلىنىپ، دۇنيا بىلەن جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش پۇرسىتىدىن ھەمبەھرىلەندى.
بۇ نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى باشلانغان تۇنجى كۈنى، ئاساسىي كۆرگەزمە مەيدانى بولغان خەينەن خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزى ئادەم بىلەن لىق تولدى، ئەڭ قارشى ئېلىنغان كۆرگەزمە سارىيىنىڭ بىرى بولغان 5-نومۇرلۇق ساراينىڭ مودا تۇرمۇش ئىستېمال كۆرگەزمە رايونىدا، خەلقئارادىكى نۇرغۇن داڭلىق ماركىلار پەن-تېخنىكىلىق كۆرگەزمە سۇپىسى تەسىس قىلىپ، نۇرغۇن سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەر ۋە كۆرۈرمەنلەرنى جەلپ قىلدى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر جۇ خۇا مۇنداق دېدى: بۇ يىل كۆرگەزمىنىڭ كۆلىمى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ چوڭ بولدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان داڭلىق ماركىلار تېخىمۇ كۆپ بولدى، خەلقئارالاشقان ئالماشتۇرۇش كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى، نەق مەيداندىكى ئىستېمالچىلار تېخىمۇ قىزغىن بولدى، بىز باج كەچۈرۈم قىلىش ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭى بىر ئەۋلاد ئىستېمالچىلارغا تېخىمۇ ياخشى يېقىنلىشىمىز.
3-نومۇرلۇق ساراينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك يېمەكلىك، ساغلاملىق بۇيۇملىرى كۆرگەزمە رايونىدا، دۇنيادىكى نۇرغۇن داڭلىق چەت ئەل ھارىقى گۇرۇھلىرى ئۆزىنىڭ داڭلىق ماركىلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى ھەمدە كۆپ خىل يېڭى ماركا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلدى.
سودا مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى شېڭ چيۇپىڭ دۇنيا ئىستېمالىدا يېڭىلىق يارىتىش يۈرۈشلۈك پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ سىغىمى چوڭ، تۈرى كۆپ، چوڭقۇر؛ سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ، سىغىمنى كېڭەيتىش چوڭ يۈزلىنىشى ئۆزگەرگىنى يوق، ئېلىمىز رەقەملىك ئىستېمال، يېشىل ئىستېمال، ساغلام ئىستېمال ۋە مۇلازىمەت ئىستېمالىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى داۋاملىق بەرپا قىلىدۇ.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا