ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

باھار ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق جانلىنىشى ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئىقتىسادىي يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-14 10:15

  كۆپلىگەن جايلارنىڭ باھار ئىقتىسادى داۋاملىق جانلانماقتا. باھار سەيلىسى، دالىدا قونۇش، ۋېلىسىپىت مىنىش تەنھەرىكىتى قاتارلىق ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتتى.

دالىدا قونۇش يېڭى مەنزىرىسىنى بەرپا قىلىش، بۇ ھازىر مودا بولۇۋاتقان دالىدا قونۇشنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى. خۇبېينىڭ چىبى شەھىرىدە، تاغنى بويلاپ قۇرۇلغان قەبىلە لاگېرى مەيدانى ئىچىدىكى ئەسلىدە بار بولغان دەل-دەرەخلەر ئەڭ زور چەكتە ساقلاپ قېلىنغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر بالىلىرىنى ئېلىپ بۇ يەردە ئوينىغاندىن باشقا، يەنە مەشنى چۆرىدەپ چاي قاينىتىپ، باھاردىكى تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلاندى. شۇ جايدىكى پۇقراۋى قونالغۇنىڭ مەسئۇلى كۇڭ فاڭ مۇنداق دېدى: يۇقىرى پەللە مەزگىلىدە كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300 ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالىمىز، كېيىنكى قەدەمدە ئېسىل مېھمانساراي، چېدىر لاگېرى، يېزا ئىگىلىك ساياھىتى بىر گەۋدىلەشكەن مەدەنىيەت-ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنى بىرلىشىپ بەرپا قىلىمىز.

ئوخشاش بولمىغان تېمىدىكى «دالىدا قونۇش+» ھېس قىلىش تۈرى ھەر قايسى جايلاردا تەڭلا بارلىققا كېلىپ، ئالاقىدار يېمەك-ئىچمەك كەسپىگە يېڭى سودا پۇرسىتى ئېلىپ كەلدى. فۇياڭ شەھىرىدىكى بىر دالىدا قونۇش مۇلازىمەت دۇكىنىدا، نۇرغۇن ئىستېمالچىلار دالىدا قونۇشقا كېرەكلىك تۈرلۈك سايمانلارنى سېتىۋالغىلى كەلدى. دۇكان مەسئۇلى پېڭ بىڭچۈەن مۇنداق دېدى: بىزنىڭ بۇ يەردىكى ئاساسلىق ئىستېمالچىلار 90-، 2000-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغانلار ۋە ئاتا-ئانىلار ۋە بالىلار، بۇ بىر نەچچە كۈندە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 دىن، %40 گىچە كۆپەيدى، ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا بۇ يىلقى دالىدا قونۇش ئىقتىسادى يەنىلا بىر قەدەر ياخشى بولدى.

خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى چياۋشى رايونىدىكى يۈز مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى بىر كىچىك كوچىدا ھەر خىل ۋېلىسىپىت دۇكانلىرى بار، بۇنىڭ ئىچىدە تاشيول ۋېلىسىپىتى، تاغ ۋېلىسىپىتى تىجارىتى قىلىدىغان 7-8 دۇكان بار. مەلۇم ۋېلسىپىت دۇكىنىنىڭ باشقۇرغۇچىسى سۇڭ شاۋپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دۇكان ئېچىلغاندىن بۇيان سودا ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولدى. باھاسى 5 مىڭ يۈەندىن 50 مىڭ يۈەنگىچە بولغان ۋېلسىپىتلەر بىر قەدەر كۆپ سېتىلدى، ھەر كۈنى تىجارتىم 60، 70 مىڭ يۈەنگە  يېتىدۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى، ئۈچ ھەسسە ئاشتى.

بۇ ئىككى يىلدا، شىجياجۇاڭدىكى ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارلىرىنىڭ سانى تېز سۈرەتتە كۆپەيدى، ھەر قايسى چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىدا سېتىلىۋاتقان ۋېلىسىپىتلەرمۇ قىس بولدى، ھەتتا زاپچاسلىرىنىڭ سېتىلىشىمۇ ناھايىتى قىزىپ كەتتى. شىجياجۇاڭدىكى ۋېلىسىپىت مىنىش ھەۋەسكارى ۋاڭ ئەپەندى مۇنداق دېدى: بەزىدە ئۆزۈم قۇراشتۇرىمەن، ياشلار بەكرەك مودا قوغلىشىدۇ، بۇ نۆۋەتتىكى ۋېلىسىپىت بازىرىدىكى تىجارەتنىڭ جەلپكار نۇقتىسى.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

باھار ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق جانلىنىشى ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئىقتىسادىي يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

باھار ئىقتىسادىنىڭ داۋاملىق جانلىنىشى ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتىنىڭ ئىقتىسادىي يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى