ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

4-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە 115 يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-15 10:28

4-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى خەينەندە ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «يەر شارى يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش پىلانى» ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى 28 داڭلىق ئېلان قىلىش سۇبيېكتى جەم بولدى، جەمئىي 115 يېڭى مەھسۇلات ئارقا ـ ئارقىدىن كۆرگەزمە قىلىندى. 

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش يىغىنىدا، سىنگاپورنىڭ بىر ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى كارخانىسى دۇنيا بويىچە تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىنغان «كۆرۈنمەس» ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقىنى ئېلىپ كەلدى. بۇ ماركىنىڭ (جۇڭگو) خۇانەن شېنجېن چوڭ رايونىنىڭ دىرېكتورى ۋېن جيەن مۇنداق دېدى: بۇ ئورۇندۇقنىڭ ھەجىمى ئادەتتىكى ئۇۋلاش ئورۇندۇقىدەك چوڭ ئەمەس، ئۆيىمىزدىكى ھەرقانداق بىر سافا، ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىگە قويساقلا، ئۇۋۇلاش ئورۇندۇقى بولالايدۇ. ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى پۈتكۈل ماركىنى چوڭقۇر تەشۋىق قىلىش، مەھسۇلاتنى كېڭەيتىشتە ئىنتايىن مۇھىم كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى.

چەت ئەللىك كۆرگەزمە سودىگەرلىرىدىن باشقا، يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش يىغىنىغا دۆلەت ئىچىدىكى نۇرغۇن داڭلىق ماركىلار قاتناشتۇرۇلدى، خەينەننىڭ مەلۇم بىيو پەن-تېخنىكا كارخانىسى بۇ قېتىم ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان مايلىق، سەزگۈر تېرىگە ماس كېلىدىغان ئىجادى مەھسۇلاتنى ئېلىپ كەلدى، كارخانىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ يادرولۇق تېخنىكىمىزنىڭ مەنبەسى ئۆزىمىز تەتقىق قىلغان خام-ئەشيا، پۈتۈنلەي ئۆزىمىز ئىجاد قىلغان ھەم پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى دۆلەت دەرىجىلىك كۆرگەزمە، بىزنىڭ كەسىپ دائىرىمىز پۈتۈن دۇنيانى قاپلايدۇ، بىز بۇ سۇپا ئارقىلىق خەلقئارادىكى ئىستېمالچىلار ۋە خېرىدارلار بىلەن ئۇچراشماقچى.

بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە «تور + تور سىرتى»، «مەركەزلىك + تارقاق بولۇش» قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق يېڭى مەھسۇلاتلارنى تۇنجى ئېلان قىلىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئەلا سۈپەتلىك كارخانىلارنىڭ داڭلىق ماركىلىرى يېڭى مەھسۇلاتلىرىنى نامايەن قىلدى، خەينەن خەلقئارا ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىدارىسى خەلقئارا ئالاقە بۆلۈمىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرغۇچىسى، بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىنىڭ يېڭى مەھسۇلاتلارنى ئېلان قىلىش پائالىيىتىنىڭ مەسئۇلى گۇڭ جورەن مۇنداق دېدى: يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش يىغىنىغا خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىكى 28 داڭلىق ئېلان قىلىش سۇبيېكتىنى يىغدۇق، جەمئىي 38 داڭلىق ماركا ئېلان قىلىندى، ئوخشىمىغان پاسوندىكى 115 يېڭى مەھسۇلات كۆرسىتىلدى. بۇ مودا خۇش-پۇراق بۇيۇملار، ئۈنچە-مەرۋايىت زىبۇ-زىننەتلىرى، ئالىي دەرىجىلىك يېمەكلىك، ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكىسى، بىيو پەن-تېخنىكا، تۇرمۇش ئۇسۇلى ۋە مودا ئويۇنچۇق قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىر قىسىم مېھمانلار تور سىرتىدا يېڭى مەھسۇلاتلارنى كۆرگەزمە قىلىش سەھنىسى بىلەن تەمىنلىنىپلا قالماي، كۆرگەزمىگە قاتنىشالمىغان توردىكى تاماشىبىنلارغا يېڭى مەھسۇلاتلارنى چۈشەندۈرىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىلدى.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

4-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە 115 يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىندى

4-نۆۋەتلىك خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسىدە 115 يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىندى