ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-15 10:44

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، جايلار ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتىنى كۆپ خىل شەكىلدە قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنىڭ كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشىغا تۈرتكە بولدى.

جياڭسۇ دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى سارىيىدا، تۈرلۈك شەكىلدىكى يېڭى ۋە ھەمتۈرتكىلىك رولىغا ئىگە كۆرگەزمىلەر ئېكسكۇرسىيەچىلەرنى ئەتراپىدىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى بىلىملىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. نەنجىڭ ئۇچۇر قۇرۇلۇشى داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچىسى گو رۇڭ: ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى، توردىكى بەزى خاتا بايانلار ئىدىيەمىزگە سىڭىپ كەتمەسلىكى كېرەك، دېدى.

9-ئومۇمىي خەلق دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، «تىنچ-ئامان مەكتەپ مۇداپىئە سېپى بەرپا قىلىش، تور بىخەتەرلىكى ئۇل تېشىنى مۇستەھكەملەش» باش تېما قىلىنغان تور بىخەتەرلىكى باش تېمىسىدىكى تەشۋىقات پائالىيىتى خاربىن سانائەت داشۆسىدە ئۆتكۈزۈلدى، خاربىن شەھەر ئاھالىسى ۋاڭ يۈ بالىسىنى ئېلىپ بۇ پائالىيەتكە قاتناشتى. ۋاڭ يۈ مۇنداق دېدى: مەكتەپتىكى پىدائىيلار بەھرىلەندۈرگەن دۆلەتنىڭ تور بىخەتەرلىكىگە دائىر ھەر قايسى جەھەتلەردىكى بىلىملەر ۋە بىر قىسىم ئالدىنى ئېلىش مۇھىم نۇقتىلىرىنى بالام بىلەن ئاڭلىدىم، بۇنىڭغا ئوخشاش پائالىيەتلەرنىڭ كۆپرەك قانات يايدۇرۇلۇشىنى، بۇنىڭ ياشلار-ئۆسمۈرلەرگە زور ياردىمى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىلىك پارتكوم تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشخانىسى تور بىخەتەرلىكى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى سۈن يەنفېڭ مۇنداق دېدى: بىز مەكتەپلەرگە، ئورگانلارغا، مەھەللىلەرگە كىرىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى داۋاملىق تەشكىللەپ ۋە قانات يايدۇرۇپ، تەشۋىقات ۋە تەربىيەنى دائىملاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولىمىز.

خېبېي ئۆلكىسى شىجياجۇاڭ شەھىرى جىڭشىڭ كان رايونىدىكى خېڭشى باشلانغۇچ مەكتىپىدە، جىڭشىڭ كان رايونلۇق ج خ شۆبە ئىدارىسىنىڭ ساقچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە ئالاقىدار بىلىملەرنى چۈشەندۈرۈپ، كونكرېت دېلولارنى مىسال قىلىپ، ساۋاقداشلار بىلەن بىرلىكتە ئەتراپىدا يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارنى تەھلىل قىلدى. خېڭشى باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى رېن مېيجيې مۇنداق دېدى: مەن ئۆگەنگەن بىلىملىرىم ۋە تەسىراتلىرىمنى ئەتراپىمدىكى ساۋاقداشلىرىم، دوستلىرىمغا يەتكۈزىمەن.

ئوقۇغۇچىلار خەلق ساقچىلىرىنىڭ كەسپىي چۈشەندۈرۈشىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قولىدىكى رەسىم قەلىمىنى ئېلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى باش تېما قىلىنغان تەشۋىقات رەسىملىرىنى سىزدى. خېڭشى باشلانغۇچ مەكتىپى مائارىپ باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ دەندەن مۇنداق دېدى: بىز دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسىنى كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق تەشۋىق قىلدۇق، مەسىلەن، باش تېمىلىق سىنىپ يىغىنى، تەشۋىقات ئېلانى ئارقىلىق، ساۋاقداشلارنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان سۆز، ھەرىكەتلەرگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ۋەتەننىڭ خەۋپسىزلىكىنى قوغداشقا يېتەكلىدۇق.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

دۆلەت خەۋپسىزلىكى تەربىيەسى كۈنى تەشۋىقات پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى