ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

4-نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى يەرمەنكىسىدە تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئارالدا كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى يارىتىلىپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى ساھەسى، يېڭى يارقىن نۇقتىسى بەرپا قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-16 09:08

  4-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى خەينەندە ئۆتكۈزۈلمەكتە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە پۈتۈن ئارالدا يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى تۇنجى قېتىم يارىتىلىپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى ساھەسى، يېڭى يارقىن نۇقتىسى يارىتىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسىدە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىلىپ، رايون جەھەتتە خەيكۇدىن ئىبارەت بىر شەھەردىن پۈتۈن ئارالدا كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈشكە كېڭەيتىلدى، خەينەن خەلقئارا كۆرگەزمە مەركىزىدە داۋاملىق ئاساسىي يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىنغاندىن سىرت، خەيكۇ، بوئاۋ قاتارلىق جايلاردا يەلكەنلىك سەيلە كېمىسى، باجسىز مال سېتىۋېلىش، خەلقئارا ساغلاملىقتىن ئىبارەت ئۈچ تارماق يىغىن مەيدانى يېڭىدىن كۆپەيتىلدى.

  خەيكۇنىڭ غەربىي دېڭىز قىرغىقىدىكى ئاممىۋى پىرىستانغا جايلاشقان يەلكەنلىك سەيلە كېمىسى كۆرگەزمە رايونىدا، كۆرگەزمىگە قاتناشقانلار ئوخشىمىغان دېڭىز ئۈستى ئىستىراھەت تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ھېس قىلالايدۇ. خەينەندىكى مەلۇم سەيلە كېمىسى سېتىش مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چېن ۋېنسى مۇنداق دېدى: بىز ئىمپورت قىلىنغان سۇدىمۇ قۇرۇقلۇقتىمۇ يۈرەلەيدىغان كاتېر ئېلىپ كەلدۇق، ئۇنىڭ باھاسى ناھايىتى مۇۋاپىق، بىز پۇقرالارنىڭ ئىستېمال بازىرىغا ئىشەنچ بىلەن قارايمىز.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مەدەنىيەت ساياھىتى ئىستېمال قارىشىنىڭ تەدرىجىي ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، دېڭىز ئوكيان ساياھىتى ئىستېمالى كۆپ مەنبەلىشىشكە يۈزلەندى، يۇغۇرما كەسىپ ھالىتى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى، دېڭىزدا ھەرخىل ئوينىغىلى بولىدىغان «سەيلە كېمىسى+» ئەندىزىسى يېڭى قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى. شېنجېندىكى مەلۇم كېمە مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جۇ شياۋيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ كۆپ ياشلار سۇ ئۈستىدىكى زاكاز قىلىنغان ساياھەتتىن ھۇزۇر ئېلىشقا باشلىدى. مەسىلەن، بىر نەچچەيلەن ياكى ئىككى ئائىلە كىشىلىرى بىرلىكتە بىر يەلكەنلىك كېمە ياكى قوش يەلكەنلىك كېمىنى كۆتۈرە ئالىدۇ، قوش گەۋدىلىك يەلكەنلىك كېمىنىڭ بوشلۇقى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ، ئۆزى يىراقراق جايغا بېرىپ دېڭىزدا بېلىق تۇتۇش ياكى باشقا دېڭىز پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بارسا بولىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا يېقىن دېڭىزدا دولقۇن كېزىش پائالىيىتىمۇ بىر قەدەر ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ.

  بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىگە 250 كېمە قاتناشتۇرۇلغان بولۇپ، بۇلتۇرقىدىن %14 ئاشتى، چەتئەلدىن كىرگۈزۈلگەن كېمىلەرنىڭ سانى ۋە سۈپىتىدە تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. جۇ شياۋيۈ مۇنداق دېدى: خەينەن ئەركىن سودا پورتى سىياسىتى سەيلە كېمىسى كەسپىگە نىسبەتەن بىۋاسىتە ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ، خەينەننىڭ تەبىئىي شارائىت ئەۋزەللىكى بار، 365 كۈننىڭ ھەممىسىدە دېڭىزدا ئوينىغىلى بولىدۇ، بۇ سەيلە كېمىسى ئىستېمالىغا نىسبەتەن ناھايىتى زور جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە.

  تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

4-نۆۋەتلىك ئىستېمال بۇيۇملىرى يەرمەنكىسىدە تۇنجى قېتىم پۈتۈن ئارالدا كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى يارىتىلىپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى ساھەسى، يېڭى يارقىن نۇقتىسى بەرپا قىلىندى

4-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى يەرمەنكىسى خەينەندە ئۆتكۈزۈلمەكتە، بۇ نۆۋەتلىك يەرمەنكىدە پۈتۈن ئارالدا يەرمەنكە ئۆتكۈزۈش ئەندىزىسى تۇنجى قېتىم يارىتىلىپ، ئىستېمالنىڭ يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى ساھەسى، يېڭى يارقىن نۇقتىسى يارىتىلدى.