شىنجاڭنىڭ غۇلجىدىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتاغا بارىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 15-ئاپرېل رەسمىي ئېچىلدى
شىنجاڭنىڭ غۇلجىدىن قازاقىستاننىڭ ئالمۇتاغا بارىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى 15-ئاپرېل رەسمىي ئېچىلدى، بۇ، شىنجاڭدا ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجىدىن ئىبارەت سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن ئۈچ ئاۋىياتسىيە پورتىنىڭ بارلىققا كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئۈرۈمچى تاموژنىسى يۈك-تاق، بۇيۇملار ۋە سەھىيە كارانتىنىنى ماس قەدەمدە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇپ، چېگرادىن ئۆتكەن يولۇچىلارنى «سېزىمسىز تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» تىن بەھرىمەن قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتۈش تەرتىپىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولايلىق قىلدى.
تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار
سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى