ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

135-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشقان كارخانا 29 مىڭدىن ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-16 10:52

  135-نۆۋەتلىك  جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى 15-ئاپرېل گۇاڭجۇدا باشلاندى، يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانا 29 مىڭدىن ئېشىپ، سان جەھەتتە يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.

  بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ كۆرگەزمە ئومۇمىي كۆلىمى بىر مىليون 550 مىڭ كىۋادرات مېتىر بولۇپ، تۇنجى قارارلىق كۆرگەزمىدە «ئىلغار ياسىمىچىلىق» باش تېما قىلىندى، بەش بۆلەك، 19 كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىپ، ئېلېكتىرونلۇق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، سانائەت ياسىمىچىلىقى، يورۇتۇش ئېلېكتىر سايمانلىرى، بەش خىل مېتال سايمانلىرى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ۋە ئاقىل سەپەرگە چىقىش قاتارلىق ساھەلەردىكى يېڭى مەھسۇلاتلار مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى. ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى كۆرگەزمە رايونىدا، توپلاشتۇرۇلغان يورۇقلۇق ۋولت، ئېنېرگىيە ساقلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن «نۆل بۇلغىما قويۇپ بېرىدىغان» ھاۋا تەڭشىگۈچ مەھسۇلاتى نۇرغۇن سودىگەرلەرنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئىتالىيەلىك مال سېتىۋالغۇچى سودىگەر نىكولو نېرېرو مۇنداق دېدى: بىز بىر قىسىم ئائىلە ئېلېكتىر مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالماقچى، ھازىر جۇڭگو ياسىغان مەھسۇلاتلارنىڭ سۈپىتى يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى، بارلىق يېڭىلىق يارىتىلغان قىسمى جۇڭگودا ئېچىلغان، لايىھەلىنىشىمۇ ئىنتايىن ياخشى. بىز كۆپرەك سېتىۋېلىشنى خالايمىز.

  بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكى سۈنئىي ئەقىل، بۈيۈك مەلۇمات ئانالىزى قاتارلىق رەقەملەشكەن تېخنىكىلارنى قوللىنىپ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى ئۆزگەرتىپ، مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردى. كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەر شيا گۇاڭخۇي مۇنداق دېدى: بىر نەچچە يىل ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، تېخىمۇ ئەقلىي، تېخىمۇ ئېنېرگىيە تېجەيدىغان مەھسۇلاتلارنى چەتئەل بازارلىرىغا سېلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئىستېمالچىلارنى جەلپ قىلدۇق، بىرىنچى پەسىلدىن قارىغاندا، بىزنىڭ ئېكسپورتىمىزنىڭ ئېشىش نىسبىتى زور بولۇپ، %40 تىن ئېشىپ كەتتى، ھازىر زاۋۇتنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ئىنتايىن ئالدىراش، گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدىن كېيىن، بىزنىڭ ئېشىش نىسبىتىمىز تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ. ھازىر دۇنيادىكى 100 دىن ئارتۇق دۆلەت ۋە رايوندىكى 400 دىن ئارتۇق خېرىدار نەق مەيداندا سۆھبەتلىشىشنى ئالدىن كېلىشىپ قويدى.

  بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 1-قارارلىق ئىمپورت كۆرگەزمىسىگە 30 دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 197 كارخانا قاتناشقان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرىدىغان دۆلەتلەر كارخانىلىرى %74 نى ئىگىلىدى. بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە يەنە تۇنجى قېتىم چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا ۋە چەت ئەل ئامبىرى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىندى، جەمئىي 158 كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى. جۇڭگو تاشقى سودا مەركىزىنىڭ مۇدىرى چۇ شىجيا مۇنداق دېدى: گۇاڭجۇ يەرمەنكىسى جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشتىكى كۆزنىكى، يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلار يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىيال، يېڭى ھۈنەر سەنئەتنى بەس بەستە كۆرگەزمە قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو ياسىمىچىلىقى دۇنيا كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، دۇنيا بازىرىنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇردى. دۇنيادىكى مال سېتىۋالغۇچى سودىگەرلەرنىڭ ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە قاتنىشىشى جۇڭگو ياسىمىچىلىقىغا، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايەن قىلدى.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

135-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى سودا يەرمەنكىسىگە قاتناشقان كارخانا 29 مىڭدىن ئاشتى

135-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى 15-ئاپرېل گۇاڭجۇدا باشلاندى، يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانا 29 مىڭدىن ئېشىپ، سان جەھەتتە يېڭى سەۋىيە يارىتىلدى.