ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزدە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-16 11:02

  جۇڭگو يادرو ئېنېرگىيەسى تەرەققىياتى 2024-يىللىق دوكلاتى» ناملىق كۆك تاشلىق كىتاب 15-ئاپرېل ئېلان قىلىندى، ئۇنىڭدا يادرو ئېلېكتىر ھەرىكىتى، قۇرۇلۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىن ئېلىمىزنىڭ نۆۋەتتىكى يادرو ئېنېرگىيەسى كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى خۇلاسىلەندى ۋە تەھلىل قىلىندى. ھازىرغىچە، ئېلىمىزدە قۇرۇلۇۋاتقان يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى 26گە، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 30 مىليون 300 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، قۇرۇلۇۋاتقان گېنېراتورلار سانى ۋە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى جەھەتتە دۇنيا بويىچە داۋاملىق بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى.

  كۆك تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، 2023-يىلى ئېلىمىزنىڭ سودا يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى داۋاملىق بىخەتەر، مۇقىم يۈرۈشكەن، پۈتۈن بىر يىلدا سودا تىرانسپورتىدىكى يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىدىن ئىككىسى يېڭىدىن كۆپىيىپ، سانى 55 كە يەتكەن. جۇڭگو يادرو ئېلېكتىر ھەرىكىتى ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى نىڭ يۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2023-يىلى ئېلىمىزدە قۇرۇلۇۋاتقان يادرو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلدى، پۈتۈن بىر يىلدا يېڭىدىن ئىش باشلانغان يادرو ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى بەشكە، يادرو ئېلېكتىر قۇرۇلۇشىغا سېلىنغان مەبلەغ 94 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.

  نىڭ يۈ مۇنداق دېدى: ئېلىمىزنىڭ يادرو ئېلېكتىر كەسپى بىخەتەر، تەرتىپلىك، تېز تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ. 2023- يىلى جەمئىي 33 گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ دۇنيا يادرو ئېلېكتىر تىجارەتچىلىرى جەمئىيىتىدىكى ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچى تولۇق نومۇرغا يېتىپ، تولۇق نومۇر نىسبىتى ۋە ئۇنىۋېرسال كۆرسەتكۈچنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

  شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يادرو ئېنېرگىيەسى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرى جەھەتتە، كۆك تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزنىڭ ئۇران كېنى ئىزدەش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان، 2023-يىلى يېڭىدىن كۆپەيگەن بايلىق مىقدارى زور دەرىجىدە ئېشىپ، پىلاندىكى نىشاننىڭ 2.5 ھەسسىسىگە يەتكەن؛ يادرو تېخنىكىسىنى قوللىنىش كەسپى جەھەتتە، يادرو داۋالاش قاتارلىق كۆپ خىل يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۈسكۈنىلەردە مۇھىم نۇقتىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، يادرو تېخنىكىسىنىڭ سانائەت، بىخەتەرلىكنى قوغداش ساھەسىدە قوللىنىلىشى داۋاملىق كېڭەيتىلدى. نىڭ يۈ مۇنداق دېدى: يادرو ئېنېرگىيەسىنى كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئېلىمىزنىڭ «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىغا كۈچ قوشۇۋاتىدۇ. ئېلىمىزنىڭ يادرو ئېلېكتىر توك تارقىتىش مىقدارى سىجىل ئېشىپ، 2023-يىلى 433 مىليارد 400 مىليون كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇنغا ئۆتتى، يىللىق تەڭ ئۈنۈملۈك كاربون تۆت ئوكسىدنى ئازايتىش مىقدارى تەخمىنەن 340 مىليون توننىغا يەتتى. يادرو ئېنېرگىيەسى پەن-تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىش يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلدى؛ 4-ئەۋلاد يادرو ئېلېكتىر تېخنىكىسى، فۇسىئون تېخنىكىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەر قولغا كەلدى.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزدە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى

جۇڭگو يادرو ئېنېرگىيەسى تەرەققىياتى 2024-يىللىق دوكلاتى» ناملىق كۆك تاشلىق كىتاب 15-ئاپرېل ئېلان قىلىندى،