ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئاشتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-16 11:04

  دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى 15-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن، مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ 124 مىليارد 800 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئېشىپ، پۈتۈن يىلدا ئىش ياخشى باشلانغان.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھى قۇرۇلۇش بايلىقىنى ئىلمىي بىر تۇتاش پىلانلاپ، قۇرۇلۇش قىلىشنى تەشكىللەشنى مۇۋاپىق ئەلالاشتۇرۇپ، بىخەتەرلىك، سۈپەت، مەبلەغ سېلىش ۋە مۇھىت ئاسراش قاتارلىقلارنى باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، تۆمۈر يولدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلارنى ئىلمىي، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈردى. شاڭخەي-چۇڭچىڭ-چېڭدۇ دەريا بويى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ خېفېيدىن ۋۇخەنگىچە بولغان بۆلىكى، جاڭجۇدىن شەنتۇغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول، پىڭلياڭدىن چىڭياڭغىچە بولغان تۆمۈر يول، ۋېنشەندىن مېڭزىغىچە بولغان تۆمۈر يول قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى لىنىيەلەردە قۇرۇلۇش باشلاندى. دۆلەتلىك تۆمۈر يول گۇرۇھى تەشۋىقات بۆلۈمى ئاخبارات باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋۇ شىنشىڭ مۇنداق دېدى: چىجۇدىن خۇئاڭشەنگىچە بولغان يۇقۇرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولدا سىناق قىلىش ۋە قاتناش باشلاش تەييارلىق خىزمىتى ماس قەدەمدە قانات يايدۇرۇلماقتا؛ لەنجۇ-جاڭجياكۇ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىنىڭ لەنجۇدىن ۋۇۋېيغىچە بولغان بۆلىكىدە بىرلەشمە تەڭشەش، بىرلەشمە سىناق قىلىش باشلىنىپ، ھەرىكەتچان تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش باسقۇچىغا كىردى؛ شاڭخەيدىن سۇجۇ، خۇجۇغىچە بولغان تۆمۈريول، لۇڭلۇڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ مېيجۇدىن لۇڭچۈەنگىچە بولغان بۆلىكى، چۇڭچىڭ-كۈنمىڭ يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولىنىڭ چۇڭچىڭدىن يىبىڭغىچە بولغان بۆلىكىدە پۈتۈن لىنىيە بويىچە رېلىس ياتقۇزۇلۇشقا باشلىدى، خاڭجۇدىن چۈجۇغىچە بولغان تۆمۈريولنىڭ پۈتۈن لىنىيەلىك تونېلى تۇتاشتۇرۇلدى، گۇاڭجۇدىن جەنجياڭغىچە بولغان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈريولنىڭ جەنجياڭ قولتۇقى دېڭىز ئاستى تونېلى تۇتاشتۇرۇلدى، نىڭبودىن جۇشەنگىچە بولغان تۆمۈريولنىڭ فۇچىمېن تاشيول-تۆمۈريول كۆۋرۈكى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاندى.

  تۆمۈريول تارماقلىرى تۆمۈريول سېلىنمىسىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تورلاشتۇرۇش، تور تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئىلگىرى سۈرۈپ، زامانىۋى تۆمۈريول تورىنىڭ كۆلىمى ۋە سۈپىتىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، راۋانلىقى ۋە قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، رايونلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلدى.

  ۋۇ شىنشىڭ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە شىنجاڭدىن شىزاڭغا بارىدىغان تۆمۈر يول، چېگرا بويى تۆمۈريولى قاتارلىق دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يول تۈرلىرىنى يولغا قويۇش سالمىقىنى زورايتىپ، دەريا بويى، دېڭىز بويى يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يولى، غەربىي رايون قۇرۇقلۇق دېڭىز يېڭى يولى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈرلەر ۋە ئەشيا ئوبوروتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، رايونلار ئارا ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆمۈريول قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ قايتا يۈكسىلىپ ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ۋە كۈچەيتىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشىمىز.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

مەملىكەت بويىچە تۆمۈر يولدا مۇقىم مۈلۈككە سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.9 ئاشتى

دۆلەتلىك تۆمۈريول گۇرۇھى 15-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە تۆمۈريول قۇرۇلۇشى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلگەن،