ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىچكى موڭغۇل ھىنگان ئايمىقى خورچىن قۇملۇقىنى تىزگىنلەش ئەتىيازلىق بىرلەشمە جېڭىنى باشلىدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-16 11:08

  ئىچكى موڭغۇل ھىنگان ئايمىقى خورچىن ئوڭ ئوتتۇرا خوشۇنى خورچىن قۇملۇقىنىڭ شىمالىي ئۇچىغا جايلاشقان، كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ تۇپراق قاتلىمى بىر قەدەر نېپىز بولۇپ، قۇملىشىشنى تىزگىنلەشتىكى مۇھىم رايون. ھازىر بۇ يەردە قۇملۇقنى تىزگىنلەش ئەتىيازلىق بىرلەشمە جېڭى قانات يايدۇرۇلۇپ، ئېلىمىزنىڭ شىمالىدىكى مۇھىم ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى ھەقىقىي مۇستەھكەملەنمەكتە.

  15-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، ئىچكى موڭغۇل ھىنگان ئايمىقى خورچىن ئوڭ ئوتتۇرا خوشۇنىدىكى تىزگىنلەش نەق مەيدانىدا، شۇ جايدىكى كادىرلار ۋە ئامما، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن بولۇپ ئىككى مىڭغا يېقىن كىشى ئورەك كولاپ ، كۆچەت تىكىپ، توپا يۆلەپ، 20 مىڭ تۈپتىن ئارتۇق بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇش كۆچىتى تىكتى. يېڭى جام يېزىسى ئاھالىسى خې باۋشەن مۇنداق دېدى: ئىلگىرى ھەر قېتىم مۇشۇ پەسىلدە دائىم قۇملۇق بوران چىقاتتى، بۇ يىللاردا كۆچەت تىكىپ، ئېكولوگىيەنى ناھايىتى ياخشى تۈزىدۇق، ھازىر مۇھىت بارغانسېرى ياخشىلاندى».

  بۇ يىلقى قۇملۇقنى يوقىتىش جېڭىدە، شۇ جاي سۈنئىي ئورمان بىنا قىلىپ ئوت-چۆپ تېرىش، تاغنى قورشاپ ئورمان ۋە ئوت-چۆپ يېتىشتۈرۈش، چېكىنگەن ئورمان ۋە ئوت-چۆپلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئۆز يېرىدىكى ئوت-چۆپلەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، سۇ مەنبەسىنى، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى، يەنە تۇتاش كەتكەن قۇملۇق، قۇملۇق ئەتراپىدىكى تۇرالغۇ رايونلىرىدا يورۇقلۇق ۋولتنى كۆلەملەشتۈرۈش، تەقسىملەنمە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يورۇقلۇق ۋولت يېڭى ئېنېرگىيەسى ۋە قۇمنى تىزگىنلەش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىچكى موڭغۇل 2-ئورمانچىلىق ۋە يايلاقنى كۆزىتىش پىلانلاش يۇرتى ئۇنىۋېرسال پىلانلاش ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋۇ شۇزې مۇنداق دېدى: يېڭى تېخنىكا، يېڭى ماتېرىياللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇم توسىقى ئىشلىتىلدى. دەرەخ تۈرى ۋە ئوت-چۆپ ئۇرۇقى تەرەققىيات تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇن كېلىدىغان قىلىپ تاللاندى، موڭغۇلىيە قارىغىيى ۋە پىندىق ياڭاق، يەنە باشقا ئوت-چۆپ ئۇرۇقى، يەنە يېڭى ماشىنىلارمۇ شۇ جاينىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالىغا ئاساسەن تەڭشەلدى.

  پۈتۈن رايوندا «يېشىللىقنى كۆپەيتىش» ئۈچۈن، ھىنگان ئايمىقى گېئولوگىيەلىك ئالاھىدىلىكى، تەرەققىيات ئىستىقبالىغا قارىتا كۆپ خىل تىزگىنلەش ئەندىزىسىنى تۈزۈپ، 2024-يىلى 370 مىڭ مو قۇملاشقان يەرنى تىزگىنلەشنى پىلانلىدى. ھىنگان ئايمىقى ئورمانچىلىق ۋە يايلاق ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ليۇ خېڭنيەن مۇنداق دېدى: يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق قۇمنى تىزگىنلەش، ئىلمىي ئۇسۇلدا قۇمنى تىزگىنلەش، ئامما قۇمنى تىزگىنلەش، ئۈنۈملۈك قۇم تىزگىنلەش، جەمئىيەت قۇمنى تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بەش خىل ئەندىزىنى قوللىنىپ، 59 مىڭ مو سېرىق قۇملۇق يەرنى نۇقتىلىق يوقىتىپ، يېشىللىقنى كۆپەيتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، شورلۇق يەرنى تۈزەش ۋە ياخشىلاش ئۈستىدە ئىزدەندۇق. ھازىرغا قەدەر يەرلەرنى تۈزلەپ، 17 مىڭ مو يەردە دەرەخ، چاتقال تىكتۇق، ئاي ئاخىرىدىن بۇرۇن دەرەخ، چاتقال تىكىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش، 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ئوت-چۆپ تېرىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشنى پىلانلىدۇق.

تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىچكى موڭغۇل ھىنگان ئايمىقى خورچىن قۇملۇقىنى تىزگىنلەش ئەتىيازلىق بىرلەشمە جېڭىنى باشلىدى

ئىچكى موڭغۇل ھىنگان ئايمىقى خورچىن ئوڭ ئوتتۇرا خوشۇنى خورچىن قۇملۇقىنىڭ شىمالىي ئۇچىغا جايلاشقان، كۆپ قىسىم رايونلارنىڭ تۇپراق قاتلىمى بىر قەدەر نېپىز بولۇپ،