ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتى بارلارنىڭ ئاجرىشىش دېلولىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غەمخورلۇق قىلىشنى ئەسكەرتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى ئېلان قىلدى
ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى 15-ئاپرېل ئېلان قىلغان «قۇرامىغا يەتمىگەن پەرزەنتى بارلارنىڭ ئاجرىشىش دېلولىرىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە غەمخورلۇق قىلىشنى ئەسكەرتىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئاجرىشىش دېلولىرىدىكى دەۋالاشقۇچىلارنى تويلىشىش ئەركىنلىكى بىلەن ئائىلە مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشقا يېتەكلەش كېرەك، خىزمەت جەريانىدا قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە سەل قارايدىغان، ھەتتا زىيان يەتكۈزىدىغان، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىقىغا زىيان يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەڭ زور چەكتە ساقلىنىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان تۈرلۈك پاسسىپ ئامىللارنى تۈگىتىپ، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك.
تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل