ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى، خەلق ئىگىلىكى ياخشى باشلاندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-17 09:46

  دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 16-ئاپرېل مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 29 تىرىليون 629 مىليارد 900 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئېشىپ، خەلق ئىگىلىكى داۋاملىق ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، باشلىنىش ياخشى بولدى.

  1-پەسىلدە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى، ئالدىنقى يىلى 4-پەسىلدىكىدىن %1.6 ئاشتى، بۇ ئاساسلىقى سانائەتنىڭ ئېشىشى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ياخشىلىنىشىنىڭ ئورتاق تۈرتكىسىدىن بولدى. 1-پەسىلدە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ پارچە سېتىش سوممىسى %10 ئېشىپ، تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىدىن 6 پوئېنت تېز بولدى، مەملىكەت بويىچە كۆلەملەشكەن سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشتى، سانائەت ۋە مۇلازىمەت كەسپىنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان تۆھپىسى %90 تىن ئاشتى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ لەييۈن مۇنداق دېدى: ئىقتىساد سىجىل ئەسلىگە كەلمەكتە، باشلىنىشى مۇقىم بولدى، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىدى. ئىقتىسادىي ھەرىكەتنىڭ مۇقىملىقى، ماسلىشىشچانلىقى كۈچەيدى، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشتى، بازار تىجارىتى سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىشەنچىسى داۋاملىق ئاشتى.

  ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئاساسىي موتور. 1-پەسىلدە ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.7 ئاشتى. ئىستېمالنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %73.7 بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينىدى. مۇقىم مۈلۈك سېلىنمىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.5، مال ئىمپورت-ئېكسپورتى %5 ئاشتى.

  شېڭ لەييۈن مۇنداق دېدى: 1-پەسىلدە، سانائەتتە توك ئىشلىتىش مىقدارى %7.7، يۈك توشۇش مىقدارى %5.3، پورتلارنىڭ مال كىرگۈزۈش-چىقىرىش مىقدارى %6.1 ئاشتى، ئېكسپورتنى باھالاشتا، پورتلارنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى بىۋاسىتە كۆرسەتكۈچ ھېسابلىنىدۇ.

  ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى مۇقىم بولدى. 1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە شەھەر-بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.3 پوئېنت تۆۋەنلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ ئۈنۈمى يەنىمۇ نامايان بولدى.

  يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. 1-پەسىلدە كۆلەملەشكەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، بۇلتۇر 4-پەسىلدىكىدىن 2.6 پوئېنت ئاشتى؛ يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسپى داۋاملىق تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئۇچۇر يەتكۈزۈش، يۇمشاق دېتال ۋە ئۇچۇر تېخنىكىسى مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى %13.7 ئېشىپ، بۇلتۇر 4-پەسىلدىكىدىن 2.5 پوئېنت ئاشتى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئالدىنقى بىر نەچچە يىلدىكى يۇقىرى سۈرەتتە ئېشىش ئاساسىدا، بۇ يىل 1-پەسىلدە %29.2 ئاشتى؛ قۇياش ئېنېرگىيەلىك باتارېيە %20.1 ئاشتى؛ يورۇقلۇق ۋولت بىلەن مۇناسىۋەتلىك كۆپ كىرىستاللىق كىرېمنىي، يەككە كىرىستاللىق كرېمنىينىڭ ئېشىش سۈرىتى يەنىلا %50 تىن يۇقىرى بولدى. شېڭ لەييۈن مۇنداق دېدى: يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى داۋاملىق تېزلىتىپ، ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تېخنىكىسىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، گۈللەنمە كەسىپلەر ۋە كەلگۈسى كەسىپلەرنى تېزدىن يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

1-پەسىلدە ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى بۇلتۇرقى شۇ مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى، خەلق ئىگىلىكى ياخشى باشلاندى

دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 16-ئاپرېل مۇنۇلارنى ئېلان قىلدى: بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2 تىرىليون 962 مىليارد 990 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئېشىپ، خەلق ئىگىلىكى داۋاملىق ياخشىلىنىشقا قاراپ يۈزلەندى، باشلىنىش ياخشى بولدى.