ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى ئارىلىقتىكى مەھسۇلاتلار سودىسىنى كېڭەيتىپ خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 09:38

17-ئاپرېل گۇاڭجۇ ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى 3-كۈنىگە قەدەم قويدى، بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسىدە، يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ ئارىلىقتىكى مەھسۇلاتلار ۋە كاپىتال مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كەلدى، ئارىلىقتىكى مەھسۇلاتلار سودىسىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، تاشقى سودا يېڭى قۇۋۋىتىنى يېتىلدۈرۈشنى تېزلىتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.

بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسىدە كۆرگەزمە قىلىنغان مەھسۇلاتلار ئىچىدە ئارىلىقتىكى مەھسۇلاتلار ۋە كاپىتال مەھسۇلاتلىرىنىڭ نىسبىتى %12 كە يەتتى. جۇڭگو كارخانىلىرى گۇاڭجۇ ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق خەلقئارا ھەمكارلىققا تېخىمۇ زىچ قاتناشتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ بولۇپمۇ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ سانائەتلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار

سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى ئارىلىقتىكى مەھسۇلاتلار سودىسىنى كېڭەيتىپ خەلقئارا ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە تۈرتكە بولدى

17-ئاپرېل گۇاڭجۇ ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسى 3-كۈنىگە قەدەم قويدى، بۇ نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ ئىمپورت-ئېكسپورت تاۋارلىرى يەرمەنكىسىدە، يەرمەنكىگە قاتناشقان كارخانىلار تېخىمۇ كۆپ ئارىلىقتىكى مەھسۇلاتلار ۋە كاپىتال مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ كەلدى،