ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو ئىقتىسادى «يېڭى»غا قاراپ ئىلگىرىلىدى، بىرىنچى پەسىلدە باشلىنىش ياخشى بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 10:12

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئىچكى تەلىپى ۋە مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى، يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش شەرت. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، دۆلەتنىڭ بىر قاتار ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، جايلار بەس-بەستە سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىنى قوللاپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  باھاردىكى جۇڭگودا، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىدىن تەتقىق قىلىپ ئېچىش سورۇنلىرىغىچە، بىپايان دېڭىز-ئوكيانلاردىن بىپايان ئالەم بوشلۇقىغىچە، ھەممە جايدا يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.

  ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ كۆلەملەشكەن يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىقىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.5 ئېشىپ، كۆلەملەشكەن سانائەت قوشۇلما قىممىتىنىڭ 1.1 پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق ۋە يۇقىرى تېخنىكىلىق مۇلازىمەت كەسپىگە سېلىنغان مەبلەغ ئايرىم-ئايرىم %10.8 ۋە %12.7 ئېشىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا بولغان كۈچلۈك تۈرتكىلىك كۈچى ۋە تىرەكلىك كۈچىنى نامايان قىلغان.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى ئىشلەشنى كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. يەرلىكتە خىزمەت تەكشۈرگەندە تۇنجى قېتىم يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن تارتىپ، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغىچە؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى سىستېمىلىق بايان قىلغاندىن تارتىپ، مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» دا ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى تەكىتلىگەنگە قەدەر، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ نەزەرىيە ئىچكى مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتتى ۋە چوڭقۇرلاشتۇردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا، خۇنەندە خىزمەت تەكشۈرگەندە: پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى پائال يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش كېرەك دەپ يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا يېڭى ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىپ، يېڭى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، «كەڭ كۆلەملىك ئۈسكۈنە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى» يولغا قويۇلۇپ، تىرىليون دەرىجىلىك كۆلەملىك چوڭ بازار جانلاندۇرۇلۇپ، تەييارلىق فوندى نىسبىتى تۆۋەنلىتىلىپ، ئۇزاق مۇددەتلىك كۆچمە مەبلەغدىن تەخمىنەن بىر تىرىليون يۈەن قويۇپ بېرىلدى، بۇنىڭغا ماكرولۇق سىياسەت كۈچ چىقاردى. سىياسەت ئۈنۈمىنىڭ سىجىل قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

  پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى تېز مەيدانغا كەلدى. دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتى سودىدا تۇنجى قېتىم قاتنىدى، 3-ئەۋلاد مۇستەقىل ئۇلترا ئۆتكۈزگۈچلۈك كىۋانت كومپيۇتېرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، بىر تۈركۈم چوڭ تۈرلەردىن غەلىبە خەۋەرلىرى ئارقا-ئارقىدىن تارقالدى.

  يېڭى قۇۋۋەت، يېڭى ئەۋزەللىك داۋاملىق زورايدى. چوڭ مودېل ۋەكىللىكىدىكى ھەممىباب سۈنئىي ئەقىل داۋاملىق يېڭىلىنىپ، بۈيۈك مەلۇمات، نەرسە تورى قاتارلىقلار داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇرۇلۇپ ۋە قوللىنىلىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلەشتى. يېقىندا 1-ئاپتوموبىل گۇرۇھى ئەڭ يېڭى تەتقىق قىلىپ ياسىغان چوڭ مودېل كارخانىنىڭ تەدبىر بەلگىلىشىدە ئىشلىتىلدى.

  يېڭى مەھسۇلات، يېڭى كەسىپ تېز ئاشتى. زاۋۇتقا كىرىپ ئاپتوموبىل بەلگىسى چاپلاش، ئائىلە ئىشلىرى مۇلازىمىتى.... يېقىندا، ئادەم شەكىللىك بىر ماشىنا ئادەم سانائەت ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كۆپ خىل ساھەلەردە يېڭىدىن ئىشلىتىلدى. سېختا ھەر 53 سېكۇنتتا بىر يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل زاۋۇتتىن چىقتى، پورتتا لىق يۈك قاچىلانغان پاراخوتلار يولغا چىقىشقا ھازىرلاندى. بۇ يىل 1ـ پەسىلدە، تۈرلۈك يېڭى مەھسۇلاتلار داۋاملىق تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى: مۇلازىمەت ماشىنا ئادىمى %26.7، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش ئايرىم-ئايرىم %28.2 ۋە %31.8، ئېكسپورت %23.8 ئاشتى.

  يېڭى سېلىنما، يېڭى ئۇل قۇرۇلۇشى تېز ئەمەلىيلەشتى. G5 ئاساسىي پونكىتلىرىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى 3 مىليون 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى، شەرقىي رايوندا سانلىق مەلۇمات، غەربىي رايوندا ھېسابلاش، ئوپتىك تالا خەۋەرلىشىشى قاتارلىق يېڭى ئۇل ئەسلىھەلەر سىجىل تېزلەشتى، رەقەملىك ئىقتىساد يادرولۇق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 2023-يىلى 12 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %10 ئەتراپىغا يەتتى.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو ئىقتىسادى «يېڭى»غا قاراپ ئىلگىرىلىدى، بىرىنچى پەسىلدە باشلىنىش ياخشى بولدى

باھاردىكى جۇڭگودا، ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىدىن تەتقىق قىلىپ ئېچىش سورۇنلىرىغىچە، بىپايان دېڭىز-ئوكيانلاردىن بىپايان ئالەم بوشلۇقىغىچە، ھەممە جايدا يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش دولقۇنى كۆتۈرۈلدى.