ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 10:21

  جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىكى يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەشيا تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت سۇپىسى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى يېزا ئىگىلىكى بىلەن چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى تېخىمۇ ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە قىلىپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.

  بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاقسۇ شەھىرىدىكى 130 مىڭ مو كۆممقوناق تېرىلىشقا باشلىدى. ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ليۇيۈەن بازىرى تيەنخەي كەنتىدىكى بىر ئېتىزلىقتا، يەتىكەن يول باشلاش سىستېمىسى ئورنىتىلغان بىرگەۋدىلەشكەن ئۇرۇق چېچىش ماشىنىسى ئالدىن بېكىتىلگەن لىنىيە بويىچە كۆممىقوناق تېرىۋاتاتتى. دېھقان شى مىڭكۇڭ مۇنداق دېدى: ئىلگىرى 300 مو يەرنى تۆت كۈندىن بەش كۈنگىچە تېرىيتتۇق، ھازىر ئۈچ كۈندىلا تېرىپ بولىدىغان بولدۇق، تېرىش ۋاقتى ھەم ئادەم كۈچى، ماددىي كۈچنى تېجەپ قالدۇق. ئۇرۇق بىر قەدەر تۈجۈپىلەپ تېرىلىپ، يەردىن پايدىلىنىش نىسبىتى ئۆستۈرۈلدى.

  بۇ مەزگىلدە، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ 150 مىڭ مودىن ئارتۇق پەمىدۇرنى كۆچۈرۈپ تىكىش خىزمىتىمۇ تەرتىپلىك ئىشلەنمەكتە. خوشۇت ناھىيەسىنىڭ سوخات يېزىسىدىكى پەمىدۇر ئېتىزىدا، بىر نەچچە چوڭ تىراكتور پەمىدۇر كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسىنى سۆرەپ موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇراتتى. ئىشچىلار مايسىلارنى مايسا قۇتىسىغا سالسىلا، پەمىدۇر كۆچۈرۈپ تىكىش ماشىنىسى بىر قېتىمدىلا ئورەك كولاش، مايسا تىكىش، توپا يۆلەش قاتارلىق جەريانلارنى تاماملاپ، كۆچۈرۈپ تىكىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرىدۇ. خوشۇت ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسىنىڭ يېزا ئىگىلىك تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەتقىقاتچىسى گې شېڭۋۇ مۇنداق دېدى: بۇ يىل بايىنغولىن ئوبلاستى خوشۇت ناھىيەسىنىڭ پەمىدۇر كۆلىمى 50 مىڭ مو ئەتراپىدا بولدى، بىز 251 ماشىنىنى ئىشقا سېلىپ، مايسا يېتىشتۈرۈپ كۆچۈرۈپ تىكتۇق، ماشىنا بىلەن پەمىدۇر كۆچۈرۈپ تىكىش ئارقىلىق، بىر جەھەتتىن، مايسىلارنىڭ رەتلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىندى، يەنە بىر جەھەتتىن، ئاسان مايسا ھاسىل قىلىدىغان يىلتىز سىستېمىسى بىرقەدەر تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.

  ھازىر خېنەندىكى 85 مىليون مو بۇغداي باشاق چىقىرىش مەزگىلىگە كىردى. شياڭچېڭ شەھىرى بۇ يىل «ئەقىل-پاراسەت ئاشلىق ئېتىزى»نى ئۇچۇرلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى يولغا قويدى، تېخنىكا مەسئۇلى شاڭ يەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىن ئەتراپتىكى ھەر قايسى كۆزىتىش نۇقتىلىرى توپلىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ئەشيا تورى كۆزىتىش سىستېمىسى ئارقىلىق بىرىنچى ۋاقىتتا ئەقىل-پاراسەت سۇپىسىغا يوللىسا بولىدۇ. بىز سۈنئىي ھەمراھتىن تارتىلغان سۈرەتنى يىغىپ توپلاش، ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىش ئارقىلىق ئىسپېكتىر ئانالىزى قىلىمىز، ھاۋا رايى پونكىتى ھەر ۋاقىت ئۆلچەپ تەكشۈرۈش، تۇپراقنىڭ نەملىكى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى بۈيۈك مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىگە يەتكۈزىدۇ، يېزا ئىگىلىك مۇتەخەسسىسلىرى ئىنچىكە باشقۇرۇش لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نەق مەيداندىكى خادىملارنى ئىنچىكە ئۆلچەم بويىچە ئىجرا قىلىپ، بۇغداي ئېتىزلىرىنى پەرۋىش قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

  ھازىر شەنشىدە كۈزگى بۇغداي غول تارتىش مەزگىلىگە كىردى. ۋېينەن خەنچېڭ شەھىرى جىچۈەن بازىرىدىكى ئېتىزلاردا، يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرى يېڭى تىپتىكى ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى بىلەن دورا پۈركۈپ زىيانداش ھاشاراتنىڭ ئالدىنى ئالدى. زىچۇەنجېن بازىرى چېنسۈن كەنتىدىكى شۈ يۈنيى مۇنداق دېدى: ئىككى مو يەرگە تەخمىنەن يەتتە، سەككىز مىنۇتتىلا دورىنى تەكشى چېچىپ بولدۇق، ۋاقىت ھەم ئادەم كۈچى تېجەلدى.

  بۇ يىل جىچۈەن بازىرى چېنسۈن كەنتىدە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت ئەترىتى تەشكىللەپ، 350 كىۋادرات مېتىردىن ئاشىدىغان يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى ئىسكىلاتى قۇرۇپ، ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى قاتارلىق 10 نەچچە يېڭى تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى سەپلەپ، زىرائەتلەرنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ تېرىش سەۋىيەسىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، زامانىۋى ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلدى

جايلار ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، يېزا ئىگىلىكى يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئەشيا تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات، بۇلۇت سۇپىسى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنى يېزا ئىگىلىكى بىلەن چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، ئەتىيازلىق تېرىلغۇنى تېخىمۇ ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە قىلىپ، مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى.