ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

پۇل مۇئامىلە سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 10:21

  پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق ئۈچ تارماق يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ياسىمىچىلىقنى قوللاشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى، بۇ كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى كۈچەپ قوللاپ، ئاساسىي زاپچاس، ئاساسىي ماتېرىيال قاتارلىقلارنى پۇل مۇئامىلە جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىش، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار، «كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار قاتارلىق ئىگىلىك باشقۇرۇش سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىشىنى قوللاش، ئەنئەنىۋى ياسىمىچىلىق ئۈسكۈنىلىرىنى يېڭىلاش، تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىش، ئەقلىي جابدۇق، رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتىنى كۈچەيتىپ، يېشىل پۇل مۇئامىلىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۈچ تارماق يەنە پۇل مۇئامىلە ئورگانلىرىدىن ياسىمىچىلىق كىرېدىت پىلانىنى ئايرىم تۈزۈپ، ياسىمىچىلىق ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان كىرېدىت مەھسۇلاتلىرى ۋە مۇلازىمىتىنى ئېچىشنى تەلەپ قىلدى.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

پۇل مۇئامىلە سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ياسىمىچىلىقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك

پۇل مۇئامىلىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش باش ئىدارىسى قاتارلىق ئۈچ تارماق يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، كېيىنكى قەدەمدىكى پۇل مۇئامىلە ئارقىلىق ياسىمىچىلىقنى قوللاشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى ئايدىڭلاشتۇردى،