ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى راكېتا بىرلەشمە گەۋدىسى قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 10:21

  شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى راكېتا بىرلەشمە گەۋدىسى 17-ئاپرېل قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەپ كېلىندى، يېقىندا مۇۋاپىق پەيتتە قويۇپ بېرىش پىلانلانماقتا.

  بۇ ئايدا شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۇزۇن سەپەر 2-نومۇرلۇق يىراقتىن كونترول قىلىنىدىغان F 18-توشۇغۇچى راكېتا ئۈستىگە ئالىدۇ. بۇنىڭدىن ئىلگىرى تىك باش قۇراشتۇرۇش سىناق زاۋۇتىدا، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى قۇتۇلۇش مۇنارى ۋە راكېتا بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، كېمە، راكېتا، مۇنارنى بىرلەشتۈرۈش تاماملانغان ھەمدە نەچچە ئاي سىناق قىلىنغان ئىدى، جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ شۆۋۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئالەم كېمىسى بىرىكمە ئۈسكۈنىسى قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەلگەندىن كېيىن، راكېتالىق ئالەم كېمىسىنىڭ ئىقتىدارى تەكشۈرۈلىدۇ، پۈتۈن سىستېما بويىچە مانېۋىر قىلىنىدۇ، ئىتتەرگۈچ قاچىلىنىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا ئالەم ئۇچقۇچىلىرى ئالەم كېمىسىگە كىرىپ ۋاقىتلىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، ئالەم بوشلۇقىغا چىقىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئالەم كېمىسى راكېتا بىرلەشمە گەۋدىسى تىك ھالەتتە توشۇلىدىغان بولۇپ، تېخنىكلار ئېغىرلىقى ئېشىپ كەتكەن دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ھەرىكەتچان قويۇپ بېرىش سۇپىسىنى لايىھەلىدى، بىرلەشمە گەۋدىگە ھەرىكەتچان قويۇپ بېرىش سۇپىسىنى قوشقاندا ئومۇمىي ئېغىرلىقى 800 توننىغا يېقىن بولۇپ، يۆتكەپ توشۇش جەريانىدا راكېتالىق ئالەم كېمىسى بىرلەشمە گەۋدىسى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالىدۇ. ۋاڭ شۆۋۇ مۇنداق دېدى: تىك ھالەتتە توشۇشتىكى مەقسەت خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئالدىغا سۈرۈپ، ئاساسلىق سىناقلارنىڭ ھەممىسىنى تېخنىكا رايونىدا ھەل قىلىش. نۆۋەتتە، قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ ئەسلىھە ئۈسكۈنىلىرىنىڭ ھالىتى ياخشى بولۇپ، كېيىن پىلان بويىچە قويۇپ بېرىشتىن بۇرۇنقى تۈرلۈك ئىقتىدارلارنى تەكشۈرۈش، بىرلەشمە سىناق قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەر قانات يايدۇرۇلىدۇ. بۇ بوشلۇق پونكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم 4-ئايدا ئادەملىك ۋەزىپە ئىجرا قىلىش. بوران-چاپقۇن كۆپ بولۇشتەك پەسىل ئالاھىدىلىكىگە قارىتا، بۇ قويۇپ بېرىش مەيدانى سىستېمىسى يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيانقى بۇ مەزگىلدىكى ھاۋارايى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئىستاتىستىكا قىلىپ تەھلىل قىلىپ، مەخسۇس ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى ۋە تاقابىل تۇرۇش تاكتىكىسى تۈزۈپ چىقتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىز قىسمەن ئەسلىھەلەرنىڭ توك مەنبەسى سىستېمىسىنى يېڭىلاپ، قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ ئۇنىۋېرسال ھالىتىنى سېزىش، ھالقىلىق ئۇچۇرلارنى يىغىش، يوللاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، قويۇپ بېرىش مەيدانىنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق.

  تەرجىمان: پاتىگۈل مەمەت

  سېلىشتۇرغۇچى: ئىمىنجان ئىسمايىل

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى راكېتا بىرلەشمە گەۋدىسى قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەلدى

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى راكېتا بىرلەشمە گەۋدىسى 17-ئاپرېل قويۇپ بېرىش رايونىغا يۆتكەپ كېلىندى، يېقىندا مۇۋاپىق پەيتتە قويۇپ بېرىش پىلانلانماقتا.