ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-18 10:27

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى 17-ئاپرېل گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: 1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ياخشى باشلىنىش بولدى، كۆپ خىل كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز.

  بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرىتى مۆلچەردىكىدىن ئاشتى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما داۋاملىق سەرخىللاشتى، سۈپەت ئۈنۈمى ئاشتى، ئىشقا ئورۇنلىشىش، مال باھاسى ئاساسەن مۇقىم بولدى، بازار كۆزلىمىسى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشىلاندى، ئىجتىمائىي ئومۇملۇق مۇقىم بولدى، ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا ياخشى باشلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ سۇشې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرىنچى پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە مۇقىم مۈلۈككە مەبلەغ سېلىشتا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. ھازىرغىچە، مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى مەبلەغ سېلىش پىلانى 200 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، پۈتۈن يىلدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %30 تىن ئاشتى. يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايوم تۈرىنى دەسلەپكى قەدەمدە تاللاش تاماملاندى. 2023-يىلى كۆپەيتىپ تارقىتىلىدىغان زايوم تۈرلىرىنىڭ تېز يولغا قويۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كۆپەيتىپ تارقىتىلىدىغان زايوم تۈرلىرىنىڭ بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن ھەممىسىدە ئىش باشلىنىشىغا تۈرتكە بولىمىز.

  سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 1-پەسىلدە كۆلەملەشكەن خۇسۇسىي سانائەت كارخانىلىرىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 3.4 پوئېنت تېز بولغان. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، خەلق ئىگىلىكى ئۇنىۋېرسال مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى يۈەن دا مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يەنىلا ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ جىددىي، قىيىن، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئىلگىرى سۈرىدۇ. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، كومىتېتىمىز كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ دەۋا تەلىپى، تەكلىپلىرىنى توپلىدى، تەكرار، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىن، تەخمىنەن 560 تۈر بېجىرىلدى ھەم يەنىمۇ ئىز قوغلاپ ئۈنۈمى سۈرۈشتۈرۈلگىنى تەخمىنەن 300گە يەتتى.

  نۆۋەتتە، ئىقتىسادىي ھەرىكەتتىكى ئاكتىپ ئامىللار داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ، لېكىن تاشقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقى بىر قەدەر چوڭ بولۇپ، نۇرغۇن خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسقا دۇچ كېلىۋاتىدۇ. يۈئەن دا مۇنداق دېدى: 2-پەسىللىك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشنىڭ ئاچقۇچى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشتا. ئۈسكۈنىلەرنى يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزاق مۇددەتلىك ئالاھىدە زايوم تارقىتىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ-چوڭ ئىستراتېگىيەلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرنىڭ بىخەتەرلىك ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىغا مەدەت بېرىش قاتارلىق چوڭ-چوڭ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنمىنى چۈشۈرۈش ۋە يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەخسۇس زايومىنى تارقىتىش، ئىشلىتىش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، يان تېلېفون قاتارلىق تاۋار ئىستېمالى ۋە مەدەنىيەت، ساياھەت قاتارلىق مۇلازىمەت ئىستېمالىنى كېڭەيتىش كېرەك. چەت ئەل مەبلىغىنى تېخىمۇ زور كۈچ بىلەن جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش ھەرىكەت لايىھەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

  تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى: كۆپ خىل تەدبىر قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىدا ياخشى باشلىنىش بولدى، كۆپ خىل كۈچلۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئىقتىسادنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز.