ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرىتى %8.7 بولدى، 1-پەسىلدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى 12 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يەتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-19 08:58

  گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 18-ئاپرېل ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى قوللاش سالمىقىنىڭ مۇقىم بولغانلىقى، بىر قاتار پۇل سىياسىتى تەدبىرلىرىنىڭ رولىنى تەدرىجى جارى قىلدۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ سىجىل ئېشىشى، ياخشى باشلىنىشىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسى تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، مۇۋاپىق پەيتتە ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، رەنىلىك تولۇقلىما قەرز تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل سىياسەت قوراللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىپ ياخشىلىنىشىنى قوللىدى. جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جۇ خېشىن مۇنداق دېدى: 500 مىليارد يۈەن رەنىلىك تولۇقلىما قەرز پۇل سوممىسى تارقىتىلىپ بولدى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، «ئادەتتىكى ۋە جىددىي ئىشلىتىلىدىغان» جامائەت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، شەھەر ئىچىدىكى كەنتلەرنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار «ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇش»قا مەدەت بېرىلدى. 

  بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدە، بىر قاتار پۇل سىياسىتى تەدبىرلىرى تەدرىجىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر قەدەر ياخشى نەتىجە ۋە ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئېلىمىزنىڭ پۇل مۇئامىلە ئومۇمىي مىقدارى مۇقىم ئاشتى. 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرىتى %8.7 بولدى، 1-پەسىلدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى 12 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يەتتى؛ كەڭ مەنىدىكى پۇل تەمىنات مىقدارىنىڭ ئېشىش سۈرىتى %8.3 بولدى، 1-پەسىلدە يېڭىدىن 12 تىرىليون 500 مىليارد يۈەن كۆپەيدى؛ خەلق پۇلى قەرز قالدۇقىنىڭ ئېشىش سۈرىتى %9.6 بولۇپ، 1-پەسىلدە توققۇز تىرىليون 500 مىليارد يۈەن كۆپەيدى. بۇ سانلىق مەلۇماتلار پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي گەۋدە ئىقتىسادىنى قوللاش سالمىقىنىڭ مۇقىم ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ يىل 1-پەسىلدە مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش تەننەرخى مۇقىم تۆۋەنلىدى. 

  جۇ خېشىن مۇنداق دېدى: 1-پەسىلدە يېڭىدىن تارقىتىلغان كارخانىلارنىڭ قەرز پۇل ئۆسۈم نىسبىتى %3.75 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.22 پوئىنت تۆۋەنلىدى؛ بولۇپمۇ يېڭىدىن تارقىتىلغان شەخسىي تۇرالغۇ ئۆي قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى %3.71 بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.46 پوئىنت تۆۋەنلىدى. 

  بۇ يىل 1-پەسىلدە، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت بازىرى بىر قەدەر كۈچلۈك ئېلاستىكىلىقىنى نامايان قىلدى، چېگرا ھالقىغان مەبلەغ ئوبوروتى ئومۇمىي جەھەتتىن تەكشى بولدى، تاشقى پېرېۋوت زاپىسى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئاخبارات باياناتچىسى ۋاڭ چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. بۇ يىل 3-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى كۆلىمى ئۈچ تىرىليون 245 مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكىدىن يەتتە مىليارد 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئاشتى. 

  تەرجىمان: گۈلبەھرەم مۇختار 

  سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有

3-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمىنىڭ ئېشىش سۈرىتى %8.7 بولدى، 1-پەسىلدە يېڭىدىن كۆپەيگەن ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى 12 تىرىليون 900 مىليارد يۈەنگە يەتتى

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو خەلق بانكىسى تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، مۇۋاپىق پەيتتە ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش، رەنىلىك تولۇقلىما قەرز تارقىتىش قاتارلىق كۆپ خىل سىياسەت قوراللىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ،