ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

1-پەسىلدە چېگرادىن كىرگەن-چىققانلار 141 مىليون ئادەم ( قېتىم ) دىن ئاشتى، جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىكلەر زور دەرىجىدە كۆپەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-19 09:10

    دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى 18-ئاپرېل ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-پەسىلدە مەملىكەت بويىچە چېگرادىن كىرگەن-چىققانلار 141 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىكلەر زور دەرىجىدە كۆپەيگەن.

    1-پەسىلدە، مەملىكەت بويىچە كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئاپپاراتلىرى تەكشۈرگەن چېگرادىن كىرگەن-چىققانلار 141 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %117.8 ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە ئىچكى ئۆلكىلەردىكى ئاھالىلەر 69 مىليون 541 مىڭ ئادەم قېتىم، شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن ئاھالىلىرى 59 مىليون 115 مىڭ ئادەم قېتىم، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى كىشىلەر 13 مىليون 74 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %114.9، %100.4، %305.2 ئاشتى.

    2023-يىلىدىن بۇيان، ئېلىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ سىنگاپور، برۇنېيدا چېگرادىن كىرىشتە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، فىرانسىيە، تايلاند، شىۋېيتسارىيە قاتارلىق 13 دۆلەتتىكى ئادەتتىكى پاسپورتى بار كىشىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىشىدە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويدى. دۆلەتلىك كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، سىياسەت، قانۇن-نىزام مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى لىن يۇڭشېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل 1-پەسىلدە، جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەللىكلەرنىڭ سانى 2023-يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن ئۈچ ھەسسىدىن كۆپرەك ئاشتى. جۇڭگوغا كېلىدىغان چەت ئەللىكلەر ئىچىدە ساياھەت قىلىدىغانلار ئەڭ كۆپ بولۇپ، %30 تىن كۆپرەكنى ئىگىلەيدۇ. ھازىرغا قەدەر، يۇقىرىقى 15 دۆلەتتىن جەمئىي 989 مىڭ چەت ئەللىك ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىپ جۇڭگوغا كەلدى، بۇ ئالاقىدار دۆلەتلەردىن جۇڭگوغا كەلگەن خادىملار ئومۇمىي سانىنىڭ %60 تىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى، ئومۇمىي جەھەتتىن ئېشىش ۋەزىيىتى كۆرۈلدى.

    تەرجىمان: ئەنۋەر ئەركىن

    سېلىشتۇرغۇچى: بەختىيار تۇردى

中央广播电视总台 央广网 版权所有