ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىپ بولدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-19 09:45

  پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 17-ئاپرېلغىچە، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلىشىش خىزمىتى تاماملاندى. 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 34 ئىقتىسادىي خىزمەت تارمىقى ۋە پۇل مۇئامىلە ئورنىنى مۇنتىزىم كۆزىتىدۇ.

  كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلار ئايرىم-ئايرىم ھالدا كۆزىتىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچتى. ھەرقايسى مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى سەپەرۋەرلىك سۆزى قىلىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  ھەر قايسى مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆزىتىش پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن كۆزىتىش خىزمىتى نىزامىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كۆزىتىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، كۆزىتىش خىزمىتى فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى قوغداش»نى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، سىياسىي نازارەتچىلىكنى سىجىل كۈچەيتىدۇ. مەركەزنى چۆرىدەش، ئومۇملۇققا مۇلازىمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم سىياسەت، فاڭجېنلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھوقۇق ۋە مەسئۇلىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، «بىرىنچى باشلىق»نى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، كۆزىتىش-تۈزىتىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە مەركەزلىك كۈچەپ، قاتتىق ئاساسىي رىتىم، قاتتىق تەدبىر، قاتتىق كەيپىياتنى تۆۋەنگە يەتكۈزۈپ، ئاخىرغىچە ئىزچىللاشتۇرۇپ، كۈچلۈك سىياسىي كۆزىتىش ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  ھەرقايسى مەركەز كۆزىتىش گۇرۇپپىلىرىنىڭ باشلىقلىرى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: كۆزىتىلىدىغان ئىقتىسادىي خىزمەت تارماقلىرى ۋە پۇل مۇئامىلە ئورۇنلىرىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى توغرا ئىگىلەپ، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، مۇھىم تەستىقىنىڭ روھىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش، فۇنكسىيەلىك مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، زور خەۋپ -خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، رەھبەرلىك بەنزىسى، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى ۋە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللىرىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، سىياسىي پەرقنى چوڭقۇر تېپىپ چىقىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. كۆزىتىش، ئىقتىسادىي تەپتىش قىلىش قاتارلىق نازارەتچىلىكتە بايقالغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەت ۋە ئۈنۈمنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، ئەپلەپ-سەپلەپ تۈزىتىش، تۈزىتىشتە ساختىلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تېپىپ چىقىپ، تۈزىتىشنى كۈچەيتىشنىڭ روشەن سىگنالىنى داۋاملىق تارقىتىش كېرەك.

  كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، نازارەتچىلىكنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، كۆزىتىشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلىشىپ، تۈزىتىشنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا داۋاملىق تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  ئىگىلىنىشىچە، مەركەزنىڭ 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى كۆزىتىلىدىغان ئورۇنلاردا ئۈچ ئاي ئەتراپىدا خىزمەت قىلىدىكەن، بۇ مەزگىلدە مەخسۇس نۆۋەتچىلىك تېلېفونى ۋە پوچتا خەت ساندۇقى تەسىس قىلىپ، ئاساسلىق كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسى ۋە ئۇنىڭ ئەزالىرى، بىر دەرىجە تۆۋەن پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى ۋە نۇقتىلىق ئىش ئورنىدىكى خادىملارنىڭ مەسىلىسى ئىنكاس قىلىنغان خەت-چەكلەر، تېلېفونلار، ئەرزلەرنى قوبۇل قىلىدىكەن. بۇنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سىياسىي ئىنتىزام، تەشكىلىي ئىنتىزام، پاكلىق ئىنتىزامى، ئاممىۋى ئىنتىزام، خىزمەت ئىنتىزامى ۋە تۇرمۇش ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىش ھەمدە كۆزىتىشكە ئاساسەن تۈزىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ئىنكاس قىلىش. كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەرز قوبۇل قىلىش ۋاقتى 2024-يىلى 12-ئىيۇلغىچە بولىدۇ.

  تەرجىمان: ئىمىنجان ئىسمايىل

  سېلىشتۇرغۇچى: پاتىگۈل مەمەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جۇڭگو كومپارتىيەسى 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسى ئورۇنلىشىپ بولدى

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، 17-ئاپرېلغىچە، 20-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-نۆۋەتلىك كۆزىتىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلىشىش خىزمىتى تاماملاندى. 15 كۆزىتىش گۇرۇپپىسى 34 ئىقتىسادىي خىزمەت تارمىقى ۋە پۇل مۇئامىلە ئورنىنى مۇنتىزىم كۆزىتىدۇ.