ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئېلىمىزنىڭ «ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-21 09:34

ئېلىمىز ھازىرغىچە 157 دۆلەت بىلەن ئوخشىمىغان پاسپورتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، 24 دۆلەت بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلدى. ئېلىمىزنىڭ «ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ كۆپ چەتئەللىك ساياھەتچىلەر جۇڭگوغا ساياھەتكە كېلىشنى تاللىدى، چېگرىدىن كىرىپ ساياھەت قىلىش بازىرى ئۈزلۈكسىز قىزىپ كەتتى.

بۇ يىل 1-مارت جۇڭگو-تايلاند ئۆزئارا ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولدى. يۈننەندىكى مەلۇم خەلقئارا ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى لى چيەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، شىركىتىمىز چېگرىدىن كىرگەن تەخمىنەن 600 ئۆمەكنى كۈتۈۋالدى، تايلاندلىق ساياھەتچىلەرنىڭ جۇڭگوغا ساياھەتكە كېلىش قىزغىنلىقى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن بەكلا يۇقىرى بولدى. ئېشىش سۈرئىتى ئىنتايىن تېز بولدى. بىز سائەت تۆتتە ئايرودۇرۇمدا كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىش خىزمىتىنى ئىشلەيمىز، كەچ سائەت 12، بىرلەردە يەنە ئەتىگەنلىك نۆۋەتچى ئايروپىلان قونىدۇ.

ئىلگىرى، چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ جۇڭگوغا ساياھەتكە كېلىشىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى سەيلە-ساياھەت ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، ئالاھىدە ئۇششاق يېمەكلىكلەر، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى مەھسۇلاتلىرى قاتارلىقلارمۇ ئالقىشقا ئېرىشتى. يۈننەن ئۆلكىسى خۇڭخې ئوبلاستى خېكۇ ناھىيەسىدىكى مەلۇم مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرى تىجارەتچىسى ما شىتېڭ مۇنداق دېدى: چەتئەللىك ساياھەتچىلەر دۇكىنىمىزغا ئاساسلىقى خېكۇنىڭ قەدىمىي ئۇسۇلدىكى قەھۋەسىنى تېتىپ بېقىش، يەنە خېكۇنىڭ يەرلىك ئامىللىرى بار ئاتكرىتكا ياكى مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كېلىدۇ.

ئەنخۇينىڭ خۇاڭشەندە ساياھەتچىلەر قەدىمىي كەنتتە سەيلە قىلدى. خۇيجۇ مەدەنىيىتىنى ھېس قىلغىلى كەلگەنلەر ئىچىدە چەتئەللىكلەر ئاز ئەمەس. بىر چەتئەللىك ساياھەتچى مۇنداق دېدى: تۇنجى قېتىم بۇ يەرگە كېلىپ، بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىنىڭ ناھايىتى گۈزەل ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، تەلىيىمگە يارىشا يەرلىك نومى ھارىقىنى تېتىپ باقتىم، تەمى بەك ياخشى ئىكەن.

ما ئەپەندى چېگرا سىرتىدىكى بىر ساياھەت كوپىراتىپىنىڭ كەسپىي ۋەكىلى، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىلەن بۇ كوپىراتىپنىڭ كەسىپ مىقدارى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن يېڭى ساياھەتچىلەر ئۆمىكىمىزگە قاتناشتى، بىزنىڭ بۇ يىللىق زاكاز مىقدارىمىزمۇ ناھايىتى كۆپ بولدى، پۈتۈن يىلدا ئەنخۇيغا 20 دىن 30 غىچە ئۆمەك كېلىدۇ، ھەر بىر ئۆمەكتە 10 دىن 20 گىچە ئادەم بار.

كورېيە ساياھەت ئىجارە ئايروپىلانلىرىنىڭ نورمال قاتنىشىغا ئەگىشىپ، خېنەننىڭ ئەنياڭدىكى تەيخاڭ چوڭ جىلغىسى نۇرغۇن كورېيەلىك ساياھەتچىلەر بارىدىغان مەنزىلگە ئايلاندى. بىر كورېيەلىك ساياھەتچى مۇنداق دېدى: مەن دوستلىرىمدىن تەيخاڭشەن تېغىنىڭ داڭقىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى گۈزەل ئىكەنلىكىنى ئۇقۇپ، بۇ يەرگە كەلدىم، بۇ يەردىكى تاغلار ناھايىتى ھەيۋەتلىك ئىكەن، خۇددى بىر پارچە رەسىمگە ئوخشاش بەك چىرايلىق ئىكەن.

قولايلىق قاتناش شارائىتى تەيخاڭ چوڭ جىلغىسى مەنزىرىگاھىنىڭ مەسئۇلى سۇڭ گۇاڭلياڭغا چېگرىدىن كىرىپ ساياھەت قىلىشنىڭ قىزغىنلىقىنى ھېس قىلدۇردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ھازىر كورېيە ئىجارە ئايروپىلانلىرى ھەپتىدە تۆت قېتىم قاتنايدۇ، جېڭجۇدىن سېئولغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانلار كۆپ قاتنىغاندىن كېيىن، يەنە ئۈچ ئايروپىلان كۆپەيتىلدى، بۇ يىل نۆۋەتچى ئايروپىلان سانى يۈز قېتىمدىن ئېشىشى مۇمكىن.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئېلىمىزنىڭ «ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى

ئېلىمىزنىڭ «ۋىزا كەچۈرۈم قىلىش دوستلار چەمبىرىكى» ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى