ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى يېتىلدۈرۈلدى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-21 10:46

باش شۇجى شى جىنپىڭ رەقەملىك ئىقتىسادنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە رەقەملىك كەسىپ توپىنى بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يېڭىچە ئۇل ئەسلىھە پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ رەقەملىك تىپ ئۆزگەرتىش، ئەقلىي دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇللۇق ۋە ئاممىۋى ئەسلىھە، ئۇ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تىرەك.

بۇ يىل 1-پەسىلدە، 5G ئاساسىي پونكىتى،  سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئوپتىك تالالىق خەۋەرلىشىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر تۈركۈم يېڭى ئۇل ئەسلىھەلەر تېز ئەمەلىيلىشىپ، ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كېلىپ، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇشتىكى مۇھىم يولى ۋە كۈچلۈك تۇتقۇسىغا ئايلاندى.

خېنەننىڭ شىنشياڭدا 650 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان شىنشياڭ شەھىرى ئاقىل ئارىلى رەقەملىك ئىقتىساد كەسپى باغچە تۈرى قۇرۇلۇشى مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا باشلاندى، مۆلچەرلىنىشىچە، 2026-يىلى 6-ئايدا ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن. شىنشياڭ شەھىرى خوڭچى رايونى ئىلغار ياسىمىچىلىق تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى خۇڭۋاڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: تۈر پۈتكەندىن كېيىن، ئىختىساسلىقلارنى توپلاش، كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، پەن-تېخنىكا تەتقىقاتى، نەتىجىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈش مۇكەممەل سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا پايدىلىق بولۇپ، كۆلەملەشكەن سانائەت كارخانىلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. باغچە رايونى رەقەملىك ئىقتىساد كەسپىنى چۆرىدەپ، دۆلەت ئىچىدىكى بۈيۈك مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاش، سۈنئىي ئەقىل قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق، سەرخىل، ئىلغار تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بىرىكتۈرۈپ، شىنشياڭ رەقەملىك ئىقتىساد ۋە ئۇچۇر تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى ئېكولوگىيە كەسپى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنى بىرلىكتە قۇرۇپ، نۇسخىلاش ئىقتىدارىنى تېز شەكىللەندۈرۈپ، خېنەندە تەدرىجىي ئومۇملاشتۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتكە يۈزلەندۈرىدۇ.

مەركەز ۋە جايلار رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈش ۋە رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈردى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ لەييۈن مۇنداق دېدى: 2023-يىلى رەقەملىك ئىقتىساد يادرولۇق كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى 12 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %10 ئەتراپىدا بولدى. بۇ يىل 1-پەسىلدە، يېڭىدىن مەبلەغ سېلىش، يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا داۋاملىق ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۆرۈلدى. بىر تۈركۈم يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشلىرى تېز يولغا قويۇلدى، بۇ 5G ئاساسىي پونكىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، 2-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 132 مىڭى كۆپەيدى، ھازىر ئومۇمىي مىقدارى 3 مىليون 500 مىڭدىن ئاشتى. ئۇنىڭدىن باشقا، سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى، ئوپتىك تالالىق خەۋەرلىشىش قاتارلىق بىر قىسىم يېڭى ئۇل ئەسلىھەلەر تېز يولغا قويۇلدى.

رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا، 5G ئاساسىي پونكىت قاتارلىق يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھەلەر «ئاساس» ھېسابلىنىدۇ.  جۇڭگو تيېتا پاي چەكلىك شىركىتى باۋدىڭ شەھەرلىك شۆبە شىركىتى ئاسراش بۆلۈمى خوجىلىق مەركىزىنىڭ مۇدىرى يۈەن ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز «نۇقتا + يېڭى ئىقتىدار» قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، 5G ئاساسىي پونكىتى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ئەسلىدىكى يەككە «خەۋەرلىشىش مۇنارى» نى «رەقەملىك مۇنار» غا ئۆزگەرتتۇق. بىز 5G ئاساسىي پونكىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ياخشى ئىشلەپ، رەقەملىك شەھەر قۇرۇلۇشىنى پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تېزلىتىمىز. 4-ئايغىچە، شەھەر بويىچە 5G ئاساسىي پونكىتىدىن 7713 نى يېڭىدىن قۇرۇپ ۋە ئۆزگەرتىپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىغا پۇختا ئاساس سالدۇق.

1-پەسىلدە، ئېلىمىزدە 5G ئاساسىي پونكىتى 3 مىليون 647 مىڭغا يېتىپ، 5G ئابۇنىتلىرىنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى %60 تىن ئېشىپ، مىڭ مېگابايتلىق شەھەر 207 گە يەتتى. سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقىنىڭ باش ئىنژېنېرى جاۋ جىگو مۇنداق دېدى: 5G نى قوللىنىش خەلق ئىگىلىكىدىكى 97 چوڭ تۈر ئىچىدىكى 74 تۈرگە سىڭىپ كىردى، بىز قوللىنىشقا قۇۋۋەت ئاتا قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «رەقەم بىلەن ئەمەلىيەتنى يۇغۇرۇشنىڭ» ياخشى ئىلگىرى سۈرگۈچىلىرىدىن بولىمىز.

ھېسابلاش رەقەملىك ئىقتىساد تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم تىرىكى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رەقەملىك ئىقتىساد بىلەن ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچلۈك مەدەت بىلەن تەمىنلىدى. بىر قاتار سىياسەتلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ۋە ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، « سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى» قۇرۇلۇشىنىڭ تۈگۈن قۇرۇلۇشىدا ئۈزلۈكسىز باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان توپلاشتۇرۇلغان توك يولى كەسىپ رايونى تۈرى ئىچكى موڭغۇل خېلىنگېر يېڭى رايونىدا باشلاندى، كەسىپ  باغچىسى ئەقلىي نەرسە تورى ئۈسكۈنىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش-ياساش مەركىزى، سېنزور ۋە ئەقلىي نەرسە تورى ئۈسكۈنىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش مەركىزى، مىكرو قۇۋۋەت سەرپىياتى ئۆزىكى تەتقىق قىلىپ ياساش مەركىزى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىچكى موڭغۇل خېلىنگېر يېڭى رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ شۆجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: مەملىكەت بويىچە «سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارى» قۇرۇلۇشىدىكى سەككىز چوڭ تۈگۈن، ئون بۈيۈك مەلۇمات مەركىزى توپىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىچكى موڭغۇل خېلىنگېر يېڭى رايونى بۈيۈك مەلۇمات مەركىزىنىڭ ئۆلچەملىك ماشىنا جازىسى 150 مىڭغا يېتىپ، «ھېسابلاش كۈچى + كەسىپ» ئارقىلىق، يېڭى ئەندىزە يارىتىپ، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى قوزغىدى. 2024-يىلى يېڭى رايوننىڭ سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش نىشانى تۆۋەندىكىچە: كىرگۈزۈلگەن تۈر 100 دىن كەم بولماسلىقتا چىڭ تۇرۇش، «بۈيۈك مەلۇمات، بۇلۇت ھېسابلاشنى ئالاھىدىلىك قىلغان ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر تېخنىكىسى كەسىپ توپى»نىڭ كەسىپ ئورنىنى چۆرىدەپ، مەلۇمات كەسپىنىڭ زەنجىرنى ئۇزارتىش، تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش جەھەتتە داۋاملىق كۈچ سەرپ قىلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش.

جۇڭگو ماكرو ئىگىلىك تەتقىقات يۇرتى تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتچىلىك بۆلۈمى ۋەزىيەت ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى گو ليەن مۇنداق دېدى: يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن رەقەملەشكەن ئۇل ئەسلىھە بولۇپ، تەرەققىيات بوشلۇقى چوڭ، زاپاس كۈچى يېتەرلىك، ئالاقىدار مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى نەچچە تىرىليون دەرىجىلىك بازار يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەككە ئىگە قىلىدىكەن.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى يېتىلدۈرۈلدى

تەرەققىياتنىڭ يېڭى قۇۋۋىتى يېتىلدۈرۈلدى