بۇ يىل مەركەز مالىيەسىدىن 49 مىليون 800 مىڭ يۈەن ئاجرىتىلىپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ ئىجتىمائىي مۇلازىمەتكە قاتنىشىشىغا مەدەت بېرىلىدۇ
مۇخبىرنىڭ خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل مەركەز مالىيەسىدىن 49 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەخسۇس مەبلەغ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئىجتىمائىي مۇلازىمەتكە قاتنىشىشقا يېتەكلىنىپ، مەدەت بېرىش تۈرى شارائىتى نىسبەتەن ئاجىز، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئېھتىياجى كۈچلۈك رايونلارغا نۇقتىلىق يۈزلەندۈرۈلۈپ، مۇھىم نۇقتا «ياشانغانلار ۋە بالىلار» مۇلازىمىتى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش، شىزاڭغا ياردەم بېرىش قاتارلىق ساھەلەرگە قارىتىلىدىكەن.
بۈگۈندىن باشلاپ، شارائىتى بار ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ئۇچۇر سىستېمىسى ئارقىلىق ئىلتىماس قىلسا بولىدىكەن، ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى 2024-يىلى 5-ئاينىڭ 11-كۈنى ئاياغلىشىدىكەن.
تەرجىمان: ئادىل ئابلەت
سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا