ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

جايلار كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاشلىق مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولماقتا

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-21 11:09

جايلار ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا، تېرىلغۇ يەر ۋە تېخنىكىغا تايىنىشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، مەھسۇلاتنى مۇقىم ئاشۇرۇپ، پۈتۈن يىللىق مول ھوسۇل ئاساسىنى مۇستەھكەملىدى.

ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشتا تېرىلغۇ يەر ئاساس. شەنشىنىڭ دىڭبيەندە، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ئەسلىدىكى قۇرغاق، سۇ كەمچىل ئېتىزلار «قۇرغاقچىلىقتا سۇغۇرۇلىدىغان، ھۆلچىلىكتە سۇ چىقىرىۋېتلىدىغان، يوللار راۋان» مۇنبەت ئېتىزغا ئايلاندۇرۇلدى، ھازىر يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز 430 مىڭ مودىن ئاشتى.

جياڭشىنىڭ ليەنخۇادا، كىچىك تىپتىكى مايسا تىكىش ماشىنىسى پەلەمپەي ئېتىزلاردا موكىدەك ئۆتۈشۈپ تۇرماقتا ئىدى. لوشياۋ تاغ تىزمىسىغا جايلاشقان ليەنخۇا ناھىيەسىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم ئېتىزى پەلەمپەي ئېتىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شۇ جاي بۇ پەلەمپەي ئېتىزلارنى زور كۈچ بىلەن تەرتىپكە سېلىپ، تىراكتور بىلەن يەر ھەيدەش يولى ياساپ، كىچىك تىپتىكى دېھقانچىلىق ماشىنىلىرىنىڭ ئېگىزلىككە چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى، بۇ يىل ناھىيە بويىچە چىلگە شال تېرىلغۇ كۆلىمى بۇلتۇرقىدىن %11 ئاشتى.

مەھسۇلاتنى مۇقىم ئاشۇرۇشتا پەن-تېخنىكا ئاچقۇچ. سىچۈەننىڭ چۇڭجۇدا، مايسا يېتىشتۈرۈش مەركىزىدە ماشىنىلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئاقما لىنىيە ئارقىلىق مايسا يېتىشتۈرۈش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ئۈچ كۈندىلا مايسا يېتىشتۈرگىلى بولىدۇ. بۇ مايسىلار تۇپراققا ئاسانلا ئۆزلىشەلەيدۇ. خۇبېينىڭ شىشۈيدە، ئەقلىي ئادەمسىز مايسا تىكىش ماشىنىسىنىڭ ھەر كۈنلۈك خىزمەت ۋاقتى 16 سائەتكە يېتىدۇ، بۇ يىل، شۇ جايدا 14 مىڭ دانە (يۈرۈش) تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ماشىنىسى ئەتىيازلىق تېرىلغۇغا ئىشلىتىلدى.

ھازىر جايلاردىكى بۇغدايلار باشاق چىقىرىش مەزگىلىگە كىردى، شۇنداقلا ئېتىز پەرۋىشىدىكى ھالقىلىق مەزگىل. شەندۇڭنىڭ نىڭجىندا، 5G ئاقىل يېزا ئىگىلىكى سۇپىسى دېھقانلارنى نەملىك ئەھۋالى، ھاشارات ئەھۋالى، ئاپەت ئەھۋالى قاتارلىق سانلىق مەلۇماتلارنى ۋاقتىدا ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى ھەم بۇغداينىڭ ئۆسۈشىنى ئىلمىي سۇغىرىش، ئوغۇتلاش، دورا چېچىش تەدبىرى بىلەن تەمىنلىدى. ئەنخۇينىڭ تيەنچاڭدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئادەمسىز چارلاش سىستېمىسى دېھقانلارنى بۇغداينىڭ ئۆسۈش ئەھۋالىنى ھەر ۋاقىت كۆرۈپ تۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى. خېنەننىڭ مىنچۈەندە، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى خادىملىرى تىزگىنەك بىلەن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى كونترول قىلىپ، ئۇچۇشتىن ساقلىنىش مەشغۇلاتى قىلدى، بېيدۇ يۇلتۇزى يول باشلاش سىستېمىسىغا تايىنىپ ئورۇننى توغرا بېكىتىپ، ئۇچۇشتىن ساقلىنىش مەشغۇلاتىدىكى خاتالىق پەرقىنى كونترول قىلدى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

جايلار كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاشلىق مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولماقتا

جايلار كۆپ خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئاشلىق مەھسۇلاتىنى مۇقىملاشتۇرۇش ۋە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولماقتا