ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە: كونا كۆرگەزمە يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-21 11:11

19-ئاپرېل ئاياغلاشقان 135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ 1-قارارلىق كۆرگەزمىسىدە، رەقەملىك تېخنىكا، ئەقلىي ياسىمىچىلىققا ئالاقىدار 3600 گە يېقىن كارخانا كۆرگەزمىگە قاتناشتى، ئەقلىي مەھسۇلات 90 مىڭدىن ئاشتى. نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى تېخنىكىلار 67 يىللىق تارىخقا ئىگە گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

مۇخبىر نەق مەيداندا گېرمانىيەنىڭ بىر مال سېتىۋېلىش ئۆمىكىنى ئۇچراتتى. بۇ ئۆمەك 20 دىن ئارتۇق باش كارخانىنىڭ مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كېلىشى ئىدى. جۇڭگودىكى كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ كەپشەرلەش يېڭى تېخنىكىسى كۆرگەزمە مەيدانىغا ئەمدىلا كىرگەن سېتىۋېلىش ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى توماسنى جەلپ قىلدى.

بۇ تېخنىكىدىن ھەيران قالغىنى جۇڭگوغا تۇنجى قېتىم كەلگەن توماسلا بولماستىن، سانائەت ماشىنا ئادىمى ئىشلەپچىقىرىدىغان بيورنمۇ جۇڭگوغا 10 مىليون ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق مەبلەغ سالدى، بۇ ئاساسلىقى يۇقىرى تېخنىكىلىق ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەتچىلىك ساھەسىگە مەركەزلەشكەن.

يېڭىلىق يارىتىش-ھەر قايسى سېتىۋېلىش ئۆمەكلىرى مۇخبىرلارغا قايتا-قايتا تىلغا ئالغان سۆز. ئۇلارنى جەلپ قىلغىنى يېڭىلىق يارىتىش ئېلىپ كەلگەن يېڭى تېخنىكا بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىگە مۇجەسسەملەنگەن ھەر ساھە، ھەر كەسىپنىڭ ئەڭ ئالدىنقى قاتاردىكى يۈزلىنىشى بولدى. بۇ قېتىمقى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە يېڭى ماھىيەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى گەۋدىلىك نامايەن قىلىندى. ئاقىل تۇرمۇش، «يېڭى ئۈچ خىل مەھسۇلات» قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانى %24.4 ئاشتى. ئەقلىي تەقلىدىي قول، ئۆزگەرتكىلى بولىدىغان تېلېۋىزور، پاكىز ماشىنا ئادەم قاتارلىق يۇقىرى تېخنىكىلىق، ئەقلىي، يېشىل مەھسۇلاتلار پۈتۈن دۇنيادىكى سودىگەرلەرنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى. ئەنگلىيەدىن كەلگەن مال سېتىۋېلىش ئۆمىكى گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە 50 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ئىمزالىدى. ئارقا-ئارقىدىن بارلىققا كەلگەن يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكا جۇڭگو ياسىمىچىلىقىنى يېڭى زاكاز، يېڭى سودىغا ئىگە قىلدى، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى سودىگەرلەرنى تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىلەندۈردى.

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا

سېلىشتۇرغۇچى: ئادىل ئابلەت

中央广播电视总台 央广网 版权所有

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە: كونا كۆرگەزمە يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى

135-نۆۋەتلىك گۇاڭجۇ يەرمەنكىسىدە: كونا كۆرگەزمە يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى