سۇچىلىق مىنىستىرلىقى كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى 3-دەرىجىگە كۆتۈردى
مەركىزىي ھاۋارايى ئىستانسىسى 22-ئاپرېل سەھەر سائەت ئالتىدە قارا يامغۇر سېرىق رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇشىنى ئېلان قىلدى. مۆلچەرلىنىشىچە، 22-ئاپرېل سائەت سەككىزدىن 23ئاپرېل سائەت سەككىزگىچە، فۇجيەننىڭ شەرقىي جەنۇبى، گۇاڭدۇڭنىڭ ئوتتۇرا شەرقىي ۋە جەنۇبى، گۇاڭشىنىڭ شەرقىي قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا قاتتىق ياكى قارا يامغۇر ياغىدىكەن، بۇنىڭ ئىچىدە گۇاڭدۇڭنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى قىسمەن رايونلاردا قاتتىق ياكى قارا يامغۇر ياغىدىكەن. سۇچىلىق مىنىستىرلىقى 21-مارت گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىگە قارىتىلغان كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش بويىچە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى 4-دەرىجىدىن 3-دەرىجىگە كۆتۈردى.
تەرجىمان: ئابدۇللا موللا
سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار