ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى «دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-22 09:42

22-ئاپرېل دۇنيا يەر شارى كۈنى، يەر شارى بايلىقىدىن قانداق قىلغاندا سىجىل، ياخشى پايدىلانغىلى بولىدۇ؟ بۇنى ئىلمىي، مۇۋاپىق پىلانلاشقا توغرا كېلىدۇ. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىز سەككىز ئۆلكە دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بوشلۇقى پىلانىنى تەستىقلاپ يولغا قويدى، ئومۇمىي سانى 25 كە يەتتى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن «دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش قانۇنى»غا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى مياۋ زې تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىزدىكى بارلىق ئۆلكە دەرىجىلىك ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۈەنىنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى پىلانى تۈزۈلۈپ بولدى ھەمدە گوۋۇيۈەنگە يوللاندى،  25  ئۆلكە دەرىجىلىك پىلان تەستىقلىنىپ يولغا قويۇلدى؛ شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ دۆلەت زېمىن بوشلۇقى ئومۇمىي پىلانى تۈزۈلۈپ بولدى، تەرتىپ بويىچە تەستىقلاشقا سۇنۇلۇۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلكە دەرىجىلىك دۆلەت زېمىن بوشلۇقى پىلانىنى تەستىقلىغان 25 ئۆلكە ئىچىدە، يەرلىك 195 شەھەر دەرىجىلىك ئومۇمىي پىلاننى تەستىقلىدى، بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %55 ىنى ئىگىلەيدۇ، 465 ناھىيە دەرىجىلىك ئومۇمىي پىلاننى تەستىقلىدى، بۇ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %21 ىنى ئىگىلەيدۇ.

بايلىقنى بىر تۇتاش پىلانلاشتا بەزىدە مەمۇرىي رايون ئايرىمىسى چەك قىلىنمايدۇ. مياۋ زې مۇنداق دېدى: رايونلارنىڭ زور ئىستراتېگىيەسى، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنىڭ يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى نۇقتىلىق رايون، ۋادىلارنىڭ زېمىن بوشلۇقى پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ.

مياۋ زې يەنە مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: دۆلەت زېمىن بوشلۇقى پىلان خەرىتىسى»نى ياخشى تۈزۈشنى چۆرىدەپ، «دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن چىقىرىش خىزمىتى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. «دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش قانۇنى» 14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ قانۇن چىقىرىش پىلانىدىكى بىر تۈرلۈك قانۇن چىقىرىش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى، ھازىر ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، «دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش قانۇنى» ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈلۈۋاتىدۇ. «دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش قانۇنى» نى تەستىقلاشنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈپ، بالدۇرراق يولغا قويۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، قانۇن-نىزام ئارقىلىق دۆلەت زېمىن بوشلۇقى پىلانىنىڭ كەسكىنلىكى، نوپۇزلۇقىنى قوغداپ، «پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش»قا كاپالەتلىك قىلىمىز.

تەرجىمان: گۈزەلنۇر روزى

سېلىشتۇرغۇچى: ئابدۇللا موللا

中央广播电视总台 央广网 版权所有

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى «دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ

تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى «دۆلەت زېمىن بوشلۇقىنى پىلانلاش قانۇنى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ مۇكەممەللەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ