ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

شېنجۇ 18-نومۇرنى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا سىستېما مەشىقى قىلىندى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-22 09:44

شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى يېقىندا مۇۋاپىق پەيتتە قويۇپ بېرىلىدۇ.  21-ئاپرېل، جيۇچۈەن سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بېرىش مەركىزى ھەر قايسى ئورۇنلارنى پۈتۈن سىستېما بويىچە بىرلەشمە مەشىق قىلىشقا تەشكىللىدى. بۇ قېتىمقى بىرلەشمە مەشىق ئارقىلىق، ھەر قايسى سىستېمىلارنىڭ قويۇپ بېرىش جەريانىدىكى ئىشەنچلىكلىكى ۋە بىخەتەرلىكى يەنىمۇ تەكشۈرۈلدى.

بۇ قېتىم شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئادەملىك ئالەم كېمىسى ئۇچۇش ۋەزىپىسى قويۇپ بېرىش مەيدانىدىكى پۈتۈن سىستېما بويىچە بىرلەشمە مەشىق رەسمىي قويۇپ بېرىش تەرتىپى بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. قويۇپ بېرىش مەيدانى سىستېمىسىنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى ئارقىسىدا، مۇنار جازىسى، راكېتا، ئالەم كېمىسى قاتارلىق تارماق سىستېمىلارنىڭ ئىقتىدارى تەكشۈرۈلۈپ، ئۇچۇشقا تەييارلىق قىلىش، ئوت ئالدۇرۇپ ئۇچۇشتىن تارتىپ ئالەم كېمىسى بىلەن راكېتا ئايرىلىشقىچە بولغان پۈتۈن جەريان تەقلىدىي مانېۋىر قىلىندى. شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ئالەم ئۇچقۇچىلىرى تەرتىپ بويىچە تەقلىدىي ئۇچۇش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ، ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىش بۆلمىسىگە كىرگەندىن كېيىن، ئادەم، ئالەم كېمىسى، راكېتا، يەر يۈزى بىرلەشمە تەكشۈرۈش سىنىقىنى باشلىدى ھەم راكېتانى تەقلىدىي ئۇچۇرۇش جەريانىدا يولغا چىقىش ئالدىدا تۇرغان بۆلەك ۋە ئۇچۇش بۆلىكىدىكى بارلىق ھالقىلىق مەشغۇلاتلارنى تاماملىدى. جۇڭگو ئالەم ئۇچقۇچىلىرى پەن تەتقىقات مەشىق مەركىزىدىكى خۇاڭ ۋېيفېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئالەم كېمىسى گۇرۇپپىسى پۈتۈن سىستېما بويىچە قويۇپ بېرىش مانېۋىرىنى قالتىس تاماملىدى، ئۇلارنىڭ روھىي ھالىتى كۆتۈرەڭگۈ، مەشغۇلاتى دەل جايىدا، ماسلىشىشى ۋە ھەمكارلىشىشى ياخشى بولدى، يەر يۈزىدىكى ئىش ئورنى خادىملىرى بىلەن بولغان ماسلىشىشىمۇ ناھايىتى راۋان بولدى.

نۆۋەتتە، بوشلۇق پونكىتىنىڭ ئەسلىھە-ئۈسكۈنىلىرى نورمال يۈرۈشۈۋاتىدۇ، شېنجۇ 17-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، ئوربىتىدىكى ئۈچ ئالەم ئۇچقۇچىسىنىڭ ئەھۋالى ياخشى بولۇپ، شېنجۇ 18-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسى گۇرۇپپىسىنىڭ يېتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. يېقىنقى بىر نەچچە كۈندە، قونۇش مەيدانى سىستېمىسى قۇتقۇزۇش، قايتۇرۇپ كېلىش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈپ، شېنجۇ 17-نومۇرلۇق ئالەم كېمىسىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈۋېلىشقا تەييارلىق قىلدى.

تەرجىمان: ئابدۇللا موللا

سېلىشتۇرغۇچى: قۇرباننىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

شېنجۇ 18-نومۇرنى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا سىستېما مەشىقى قىلىندى

شېنجۇ 18-نومۇرنى قويۇپ بېرىش مەيدانىدا سىستېما مەشىقى قىلىندى