ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىستېمال بازىرى مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈردى

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2024-04-22 10:40

ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتور. باش شۇجى شى جىنپىڭ: ئىستېمال ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىستېمال شارائىتىنى ياخشىلاپ، ئىستېمال مەنزىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ ئىستېمال بازىرى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى ئەسلىگە كەلدى. 1-پەسىلدە ئەمەلىي ئىستېمال ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، مۇلازىمەت ئىستېمالى بىر قەدەر تېز ئاشتى، دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستېمال سىجىل جانلاندى، بۇنىڭ بىلەن ئىستېمالنىڭ مۇقىم ئېشىشى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولىدىغان مۇھىم مەنبەگە ئايلاندى. ئەمدى «ئىستېمال مەنزىرىسىدە يېڭىلىق يارىتىلىپ، مۇھىت ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىستېمال بازىرى مۇقىم ياخشىلاندى» ماۋزۇلۇق ئالاھىدە خەۋىرىمىزنى ئاڭلىتىمىز.

جېجياڭ ئۆلكىسى خۇجۇ شەھىرى ئەنجى ناھىيەسىنىڭ خېڭشەنۋۇ كەنتىدە، بۇ يىل ئەتىياز كىرگەندىن بۇيان، پۇقراۋىي قونالغۇ تىجارەتچىسى لەن چىڭشيا ناھايىتى ئالدىراش بولدى، خىزمەت كۈنى ياكى ھەپتە ئاخىرى بولسۇن، پۇقراۋىي قونالغۇ ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى: تەبىئىي گۈزەل مەنزىرە ۋە ياتاق شارائىتىنىڭ ياخشى بولىشىدىن باشقا، رەڭدار يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرمۇ ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلدى. 4-ئايدا بامبۇك نوتىسى كولايدىغان، چاي ئۈزىدىغان، لەگلەك ئۇچۇرىدىغان مەزگىل بولغاچقا، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ يەرنىڭ تەبىئىي شارائىتى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ھېس قىلىش ئۈچۈن كەلدى.

ئەنجىدا بۇنىڭغا ئوخشاش پۇقراۋىي قونالغۇ 1800 دىن ئاشىدۇ، بۇ يىل 1-پەسىلدە شۇ جايدىكى  پۇقراۋىي قونالغۇلارنىڭ تىجارىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىنىپ، چىڭمىڭ بايرىمىدىكى ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدىلا 68 مىڭ ئادەم قېتىم 400 ساياھەتچى كۈتىۋالدى. ئەنجى ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-ساياھەت ئىدارىسى يېزا-كەنت ساياھىتى تەرەققىيات مەركىزىنىڭ خىزمەتچىسى ۋاڭ يۇڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە «ئەتىيازدا چاي ئىچىش، يازدا سۇ ئوينى ئويناش، كۈزدە يۇلتۇز كۆرۈش، قىشتا قار تېيىلىش» تىن ئىبارەت تۆت پەسىللىك ساياھەت لىنىيەسىنى بەرپا قىلىۋاتىمىز. پۇقراۋىي قونالغۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى مۇھىم ھالقا، مۇھىم نۇقتىنى بازارنىڭ ئومۇمىي ئېھتىياجىغا قارىتىپ، ئوخشاش بولمىغان پۇقراۋىي قونالغۇ مەھسۇلاتلىرىنى يارىتىمىز. پۇقراۋىي قونالغۇلارنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «پۇقراۋىي قونالغۇ+» ئۇقۇمىنى بەرپا قىلىپ، ئەتراپتىكى بىر قىسىم كەسىپ ھالىتى، كۆپ مەنبەلىك زاكاز مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز.

يىل بېشىدىكى «قار-مۇز ئىقتىسادى» دىن چاغان مەزگىلىدىكى «چاغان ئىقتىسادى» غىچە، ئاندىن ھازىرقى «دەم ئېلىش كۈنى ئىقتىسادى» غىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلاردىكى ئىستېمالدا يېڭى قىزىق نۇقتىلار، يېڭى يۈزلىنىشلەر ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ، ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا داۋاملىق تۈرتكە بولدى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شېڭ لەييۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىرىنچى پەسىلدە، ئېلىمىز بازارلىرىدا تىجارەت مۇقىم ئاشتى، مۇلازىمەت ئىستېمالى بىر قەدەر تېز ئاشتى. 1-پەسىلدە ئىستېمال ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدا مۇھىم تىرەكلىك رول ئوينىدى. ئەمەلىي ئىستېمال ئومۇمىي جەھەتتىن بىر قەدەر مۇقىم بولدى، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 1-پەسىلدە %4.7 ئېشىپ، ئومۇمىي سوممىسى 12 تىرىليون يۈەندىن ئاشتى. مۇلازىمەت ئىستېمالىنىڭ ئېشىشى بىر قەدەر تېز بولۇپ، 1-پەسىلدە مۇلازىمەتتە پارچە سېتىش سوممىسى %10 ئاشتى. دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ئىستېمال داۋاملىق جانلاندى؛ چاغان، چىڭمىڭ بايرىمىدا سەپەرگە چىققانلار سانى، ساياھەت كىرىمى، 2019-يىلىدىكى سەۋىيەدىن ئېشىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئىككى خانىلىق سان بويىچە ئېشىپ، مۇلازىمەتچىلىك ۋە ئىقتىسادنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە كۈچلۈك تىرەك بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، يېشىل، ئەقلىي ئىستېمال كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى، جۇڭگو ئاپتوموبىل سانائىتى جەمئىيىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، 1-پەسىلدە يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنىڭ سېتىلىش مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %30 ئاشقان. يېقىندا ئېلان قىلىنغان «ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرىكەت لايىھەسى»دە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاشنى زورايتىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ پەلەمپەيسىمان ئىستېمالى، يېڭىلاش ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شارائىتى بار جايلارنى ئىستېمالچىلار يېشىل ئەقلىي ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى سېتىۋالسا تولۇقلىما بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈش كېرەك.

ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش سىياسىتىنىڭ تۈرتكىسىدە، جايلار ئىستېمال مەنزىرىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ئىستېمال مۇھىتىنى ياخشىلىماقتا. خېبېي ئۆلكىسىنىڭ شىجياجۇاڭ شەھىرىدە 9-ئاپرېل كېچىلىك ئىقتىساد قۇرۇلۇشى رەسمىي باشلاندى، 185 نۇقتىلىق سودا مۇلازىمەت كارخانىسى بۇنىڭغا قاتناشتى، «كېچىلىك ئىقتىساد ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش قىزىل بولىقى» مۇ شەھەر ئاھالىلىرىگە ماس قەدەمدە تارقىتىلدى. شىجياجۇاڭ شەھەرلىك سودا ئىدارىسى ئوبوروت كەسپى تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ما يۇڭنىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ياشلارنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، كېچىلىك تاماق، كېچىلىك مال سېتىۋېلىش، كېچىلىك ساياھەت قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ بىر قاتار يارقىن پائالىيەتلەرنى پىلانلىدۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كېچىلىك ئاممىۋى قاتناش نۆۋەت قېتىمىنى كۆپەيتىش، تىجارەت ۋاقتىنى ئۇزارتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئاممىۋى مۇلازىمەت كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈردۇق. كېچىلىك ئىستېمال توپلاشقان رايوننىڭ ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئىستېمال مۇھىتى، كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە ئۆستۈرۈپ، سودا، ساياھەت، مەدەنىيەت كۆپ مەنبەلىك كەسىپ ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان كېچىلىك ئىستېمال ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، كېچىلىك ئىستېمالنىڭ ئىقتىسادقا تۈرتكە بولۇش رولىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئىستېمال ئېھتىياجىنى قاندۇردۇق.

1-پەسىلدە ئېلىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.3 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە ئاخىرقى ئىستېمال چىقىمىنىڭ تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %73.7 بولۇپ، 3.9 پوئېنت ئېشىشقا تۈرتكە بولدى. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى سىياسەت تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جىن شيەندۇڭ مۇنداق دېدى: ئىستېمالنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولىدىغان ئاكتىپ ئامىللار يەنىلا كۆپىيىۋاتىدۇ، پۈتۈن بىر يىلغا نەزەر سالساق، ئېلىمىز ئىستېمال بازىرىنىڭ دەرىجىسىنىڭ مۇقىم ئېشىش، مۇقىم ياخشىلىنىش تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلىشىدىن ئۈمىد بار. كېيىنكى قەدەمدە ئىستېمالنىڭ سىجىل كېڭىيىشىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرىمىز. جىن شيەندۇڭ مۇنداق دېدى: بازار ئېھتىياجى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئېھتىياجىنى يېتەكچى قىلىپ، ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسى، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى يېتىلدۈرىمىز ۋە بەرپا قىلىمىز. سۈنئىي ئەقىل، ئەشيا تورى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، ئەقلىي ئۆي جاھازلىرى، مەدەنىيەت-كۆڭۈل ئېچىش ساياھىتى، تەنتەربىيە مۇسابىقىسى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ماركىلىق ماللار قاتارلىق ئىستېمال يېڭى قىزىق نۇقتىلىرىنى پائال يېتىلدۈرىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خاتىرجەم ئىستېمال مۇھىتىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئىستېمالچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

تەرجىمان: ئادىل ئابلەت

سېلىشتۇرغۇچى: قۇربانىسا جاپپار

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىستېمال بازىرى مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈردى

ئىستېمال بازىرى مۇقىم ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈردى